تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كېلەر يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ مۇھىت ئاسراش بېجى ئالىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجىدا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى لايىھەسىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ مۇھىت ئاسراش بېجى ئالىدىغانلىقى بېكىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىغا تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى ھەر بۇلغىنىش ئېكۋىۋالېنتىغا 1.2 يۈەن، سۇ بۇلغىمىسىغا تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى ھەر بۇلغىنىش ئېكۋىۋالېنتىغا 1.4 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش بىر بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى ۋە سۇ بۇلغىمىسىغا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈر سانى كۆپەيتىلمەيدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سەي زىيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى يېڭى باج تۈرى سۈپىتىدە كېلەر يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئېلىنىدۇ، 40 يىلغا يېقىن يولغا قويۇلغان بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تۈزۈمى تارىخقا ئايلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا ۋە سۇ بۇلغىمىسىغا تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتىدە دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى بۇلغىما چىقىرىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئېكولوگىيە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى ۋە كارخانىلارنىڭ يۈكى قاتارلىق ئامىللار تولۇق ئويلىشىلدى.

  سەي زىيىڭ مۇنداق دېدى: باج يىغىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىقتىسادىي ۋاسىتە، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىشنى مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتكەندە، مۇھىت بۇلغايدىغان كارخانىلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، بۇ، كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىگە پايدىلىق بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىشنى مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىشتە ‹‹باج سېلىقىنى تەكشى يۆتكەش›› پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، ‹‹كارخانا مەلۇم قىلىش، باج ئېلىش، مۇھىت ئاسراشنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش››تەك باج ئېلىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئاساسەن، باج تاپشۇرغۇچىلار ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى، سۇ بۇلغىمىسى، قاتتىق تاشلاندۇق ۋە شاۋقۇندىن ئىبارەت تۆت تۈردىكى بۇلغىمىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىت ئاسراش بېجىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلىشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىمىنى چىقارغان كۈن باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى باشلانغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ، مۇھىت ئاسراش بېجى ئاي بويىچە ھېسابلىنىپ، پەسىل بويىچە مەلۇم قىلىپ تاپشۇرۇلىدۇ.

ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، شىنجاڭ 1979- يىلىدىن باشلاپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىشقا باشلىغان، بۇلتۇر 5000دىن كۆپرەك كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچى بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى