شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بەلگىلەنگەن داۋالىنىش دوختۇرخانىلىرىنى ئۆگەرتمەكچى بولسا، ھازىردىن باشلاپ 31-دېكابىرغىچە رەسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 9-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلار پىرىنسىپ بويىچە تاللىنىپ، بىر يىل ئىچىدە ئۆزگەرتىلمەيدىغان بولۇپ، ئۆي كۆچۈش سەۋەبىدىن ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئامىللار ئاساسىدا، ھەريىلى 12-ئايدا ئۆزگەرتىش رەسمىيتىنى بېجىرسە بولىدىكەن.
سۇغۇرتىلانغۇچىلارغا ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، شەھەر-بازارلاردىكى سۇغۇرتىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر 3-دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنى قايتا تاللىمىسىمۇ بولىدىكەن. بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، سۇغۇرتىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 3-دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كېسەل كۆرسەتسە ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن. لېكىن، 1-، 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى يەنىلا قايتا تاللىغىلى بولىدىكەن. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىدىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارمۇ بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىنى تاللىسا بولىدىكەن.
سۇغۇرتىلانغۇچىلار بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىنى ئۆگەرتمەكچى بولسا، شۇ كىشىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزا-بازارلىق ئەمگەك كاپالەت ئورنىغا بېرىپ جەدۋەل تولدۇرۇپ، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى» ئۈندىدار سۇپىسى (wsrsbzj) غا ئەزا بولۇپ، توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.