شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بۇ يىل 5-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇشىغا قارىتا «تاغلارغا دەرەخ تىكىپ، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش، يەرنى يېشىللاشتۇرۇپ، ئاسماننى كۆكەرتىش» تەك كونكرېت تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى باشلاپ، ئىستولبا لىنىيەسىنى يەرگە كىرگۈزۈپ، ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆكەرتىپ ئۆزگەرتىپ، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ سىرتقى تاملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گۈزەل بىر شەھەرنى بەرپا قىلدى.
كېچە مەنزىرىسى تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ئېگىزدىكى «ئۆمۈچۈك تورلىرى» يوقىلىپ، ئىشىك نومۇرلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، پىيادىلەر يولىغا يېڭى تاش ياتقۇزۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىپ، شەھەر قىياپىتى ۋە سۈپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى.
گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا، بىنارلارنىڭ سىرتقى تاملىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت، تارىخ قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر يۇغۇرۇلۇپ، مەدەنىيلىكى ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقى بىردەكلەشتۈرۈلدى.