تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى يىغىن ئېچىپ، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىقتىسادنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلدى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يېڭى پەللىگە ئۆرلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملىغۇچقا ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەسىر كۈچى، دۇنيانى ئىدارە قىلىشتىكى سۆز ھوقۇقى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئىرادىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، سالماقنىڭ زورلۇقى، ئۈنۈمنىڭ يۇقىرىلىقى مىسلىسىز بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018- يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر- بىرىگە باغلاشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە پۇختا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم پىرىنسىپ بولۇپ، بۇ پىرىنسىپتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بېكىتىش، ئىقتىسادىي سىياسەت تۈزۈش، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ تەلىپى، جەزمەن چوڭقۇر تونۇش، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ چوڭ جەڭدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشتە ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلىش؛ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا ئالاھىدە نامرات ئاھالىلەرنى دەل جايىدا يۆلەشنى نىشانلاپ، ئېغىر نامرات رايونلارغا كۈچنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەشتە ئىرادە ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خىزمەتلەرنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تۈرلۈك تەلەپلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ پۇختا، تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يىل ئاخىرىدا، جايلار، تارماقلار خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، جامائەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.