خەلق تورى خەۋىرى: رۇسىيە خىمىيە ئالىملىرى يېقىندا بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان 3D بېسىش ماتېرىيالىنى كەشىپ قىلدى، بۇ 3D بېسىش ماتېرىيالىنىڭ ماھىيىتى ئاتموسفېرادىكى كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىد بىلەن سۇنىڭ كۈن نۇرىنىڭ تەسىرىدىكى بىرىكمە تالاسى ئىكەن. ئالىملار بۇ خىل بىرىكمە تالادىن پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە PEF ماتېرىيالى ياساپ چىقالايدىغان بولۇپ، 3D پرىنتېر بۇ ماتېرىيال ئارقىلىق ھەرخىل مەھسۇلاتلارنى بېسىپ چىقىرالايدىكەن.
بۇ تۈردە دۇنيا بويىچە تۇنجى يېڭىلىق ياراتقان تەتقىقات نەتىجىسى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئورگانىك خىمىيە تەتقىقات ئورنىدا بارلىققا كەلگەن. ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ خىل 3D بېسىش ماتېرىيالى كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىد ۋە سۇدىن پايدىلىنىپ، چەكسىز شۇنداقلا ئەڭ ئەرزان تەننەرختە پۈتۈپ چىقىدىكەن. ياساپ چىقىلغان پولىمېتىر بىرقەدەر يۇقىرى خىمىيەلىك تۇراقلىققا ئىگە بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا، خىمىيەلىك ئېرىتكۈچىگە چىداملىق، تەبىئىي مۇھىتتا پارچىلىنىپ كەتمەيدىغان، تەكرار ئىشلىتىشكە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىل پولىمېتىردىن پايدىلىنىپ ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ چىدامچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 3D پرىنتېر ئارقىلىق ھەر قانداق مۇرەككەپ جىسىملارنى بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان بولغاچقا ئىشلىتىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولىدىكەن.
تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىل ماتېرىيال قايتا شەكىللىنىش ۋە تەكرار ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، 3D پرىنتېر ئارقىلىق بېسىپ چىقارغان مەھسۇلاتلار بۇزۇلغاندا كۆيدۈرۈش ئارقىلىق مەھسۇلاتنى كاربون (Ⅳ)ئوكسىد ۋە سۇغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن يەنە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق بىرىكمە ماددىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدىكەن.