شىنجاڭ تورى خەۋىرى: تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ تۆۋەندىن يەر يۈزىگە قارىغاندا، 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق بىلەن بوغدا چوققىسى قانداق كۆرۈنىدىغاندۇ؟ مۇشۇ ئايدا بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاپ تاپالايسىز.
مۇخبىرنىڭ 7-دېكابىر ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، ئۈرۈمچى ساياھەت مەبلەغچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن جېجياڭ رىفا پاي چېكىنى تىزگىنلىگۈچى گورۇھىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، غەربىي ئاسىيا تىك ئۇچار ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئايدا يۇقارقى تاغدىن 1-نومۇرلۇق مۇزلۇققىچە، يۇقارقى تاغدىن بوغدا چوققىسىغىچە ئىككى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى بىلەن غەربىي ئاسىيا تىك ئۇچار ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئىمزالىغان تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تىك ئۇچار ساياھەت مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىدىكەن.
غەربىي ئاسىيا تىك ئۇچار ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى باش درېكتورى شېڭ يۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى ئاۋىياتسىيە بازىسىغا بەشتىن ئونغىچە ئايروپىلاننى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋۋال يۇقارقى تاغدىن 1-نومۇرلۇق مۇزلۇققىچە ھەمدە يۇقارقى تاغدىن بوغدا چوققىسىغىچە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، كېيىن تېخىمۇ كۆپ لىنىيەلەر ئېچىلىدىكەن.