يېقىندا، ھىندىستان گۇرگائون شەھىرىدە يېڭىدىن بىر «ئەرمەك ھايۋانلار مېھمانخانىسى» ئېچىلغان بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك «ئىت مېھمانخانىسى» ئىكەن. ئىت ئىگىسى 70دوللار تۆلىسىە، ئىتلار مامۇق كارىۋات، تېلېۋىزور، مەخسۇس بالىكوندىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، بۇ مېھمانخانىدا يەنە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ئارشاڭ بار بولۇپ، مال دوختۇرلىرى ئۇلار ئۈچۈن 24 سائەت خىزمەت قىلىدىكەن، ئىتلار بۇ يەردە يەنە ھەشەمەتلىك تائاملاردىن، تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالىدىكەن.
(جۇڭگو ئاخبارات تورى)