تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى قىسمەن بۆلەك رايوندا كېلەر ھەپتە سۇ توختايدۇ

  ئۆز خەۋىرىمىز: 11-دېكابىردىن 12-دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋېيتەي جەنۇبىي يولى، لۇشەن كوچىسى قاتارلىق بۆلەك رايوندا سۇ توختايدۇ. ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىنىڭ 7-دېكابىر تارقاتقان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېيتەي يولى-سۇجۇ يولىدىكى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ تۇرۇبىلىرىنى ئۇلاش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، 11-دېكابىر سائەت 10:00دىن 12-دېكابىر سائەت 10:00 گىچە سۇ توختاپ تۇرۇبا ئۇلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لۇشەن كوچىسىنىڭ شىمالى، تەيشەن كوچىسىنىڭ جەنۇبى، دۇڭتىڭخۇ كۆلى يولىنىڭ غەربى، سۈيخۇ يولىنىڭ شەرقىي قاتارلىق دائىرىدىكى ئائىلىلەردە ۋە ۋېيتەي جەنۇبىي يولىدىكى بىر قىسىم ئائىلىلەردە سۇ توختايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى