تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

‹‹مېنىڭ تۇغقىنىم پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى››

قېيۇم قادىر

       10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكتىر ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى 2016 – يىللىق 2 – سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەلىكەم مەتتۇرسۇن سىنىپتىكى تېلېۋىزوردىن پۈتۈن زېھنى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرۈۋاتاتتى، سائەت 11دىن ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندە ئۇنىڭ تۇغقىنى ليۇ جىخۇەي ئېكراندا كۆرۈنگەندە، ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتى. ئۇ ياتىقىغا قايتىپ كېلىپلا، تۇغقىنى ليۇ جىخۇەيگە ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاشقا باشلىدى: ‹‹تاغا ياخشىمۇ سىز، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ سىزنى تېلېۋىزوردا كۆردۈم...››.
      ‹‹مەلىكەم ياخشىمۇسىز، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت! مەن ناھايىتى ياخشى، ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟ دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىڭ، دۆلەت تىلىغا پىششىق بولغاندىلا كەسپىي دەرسلەرنى قىينالماي ئۆگەنگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. يىغىن تۈگىسە قومۇلغا قايتىپ سىزنى يوقلايمەن، ئامان بولۇڭ››.
     ئۈندىداردا ئالاقىلەشكەن بۇ تۇغقانلارنىڭ بىرى، ئەينى يىلى ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى مەلىكەم مەتتۇرسۇن، يەنە بىرى، خېنەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن كادىر، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ليۇ جىخۇەي ئىدى.
     ليۇ جىخۇەي ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەنىدى، ئۇ قومۇلدا خىزمەت قىلىۋاتقان يەتتىنچى يىلى مەلىكەم بىلەن تونۇشقانىدى. ئەينى چاغدا، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىنستىتۇتتىكى 329 ئوقۇتقۇچى بىلەن مەكتەپتىكى 3000 ئوقۇغۇچى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقانىدى، ليۇ جىخۇەيمۇ شۇ قېتىملىق پائالىيەتتە مەلىكەم بىلەن تۇغقان بولۇشقانىدى.
     قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، ليۇ جىخۇەي ۋاقتى چىقسىلا مەلىكەمگە خەنزۇچە ئۆگىتەتتى، دائىم ئۇنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرىدىكى مەلىكەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قىزىنىڭ قومۇلدا ليۇ جىخۇەيدەك مۇشۇنداق ياخشى تۇغقىنىنىڭ بولغىنىدىن تولىمۇ خۇشال ئىدى.
     مەلىكەمنىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بار بولۇپ، دادىسى 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغانىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بەش مو يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ليۇ جىخۇەي مەلىكەمنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كېلىش نىيىتىگە كېلىپ، بۇلتۇر 8 – ئايدا خوتۇنى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرىغا بېرىپ، مەلىكەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى گۈرۈچ، ياغ، چاي ۋە 1300 يۈەن بىلەن يوقلىدى ھەم قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى، مەلىكەمنىڭ چوڭ ئانىسى توختىخان قۇرباندىنمۇ ھال سورىدى، مەلىكەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، خاتىرە سارىيى ئالدىدا تۇغقانلار بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
     ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: مەن كىچىك چاغلىرىمدا قۇربان تاغامنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەنگەنىدىم. ئۇ كېيىنكى ئەۋلادلارغا ۋە يۇرتداشلىرىغا پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
     ليۇ جىخۇەي كېرىيەدىن قومۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەلىكەمگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدا قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى سوراپ تۇردى، دائىم ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى، ھېيت – بايراملاردا مېۋە – چېۋە ۋە باشقا سوۋغاتلارنى ئېلىپ كېلىپ، ھېيتنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.
     مەلىكەم مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ليۇ جىخۇەي تاغام بىلەن تۇغقان بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن، ئائىلەمدىكىلەر يىراقتا، ئۇ مېنىڭ قومۇلدىكى بىردىنبىر يېقىن تۇغقىنىم، شۇنداقلا مېنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم. ئۇ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بوۋامغا ئوخشاش مىننەتدارلىقنى بىلدۈرەلەيدىغان، تۇغقىنىم ليۇ جىخۇەيگە ئوخشاش ئىقتىدارلىق، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى