تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك‹‹جەنۇب-جەنۇب ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى››گە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى

    بۈگۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەر بېيجىڭغا جەم بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جەنۇب – جەنۇب ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى››گە قاتنىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى. مەن بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
    ھەممە كىشى ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەر مىللىي ئازادلىق ۋە دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىپ، ئىززەت – ھۆرمەت ۋە بەختتىن بەھرىمەن بولۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ ۋە تىرىشىپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
    ھازىرقى دۇنيادا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى چوقۇم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ھەققانىي، ئادىل، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان روھ بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.  جۇڭگو خەلقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى خالايدۇ.
     بۇ قېتىمقى مۇنبەر ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش: جەنۇب – جەنۇب ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتى››نى باش تېما قىلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتى. ۋەكىللەر ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ تېخىمۇ تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توغرا ۋە ئېنىق كۆزقاراشلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.