تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىدىيە كۈچى ئارقىلىق يېڭى دەۋر ئېچىلدى

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا مۇلاھىزە(1)

رېن جۇڭپىڭ

       (1) پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى.
       بۇ، ئەمدىلا بېيجىڭدا ئاياغلاشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيە رەھبەرلىرى كۆڭۈل بۆلگەن باش تېما.
      بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ يىغىن بەلگىسىدە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى››نىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى بولغان CPC رەڭلىك لېنتىلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، خەت ۋە لېنتىلار بىرلىشىپ يەرشارىنىڭ شەكلىنى ھاسىل قىلغانىدى. خۇددى بۇ يىغىن بەلگىسى بىلدۈرگەنگە ئوخشاش، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پارتىيە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە دۇنيادىكى بەش چوڭ قىتئەدىن كەلگەن پارتىيەلەر بىلەن بىللە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش، خەلقنى گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى.
                                                       
      كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ ۋە زور تەرەققىيات ئىستىقبالى. 40 يىلدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە ‹‹ئەڭ جاسارەتكە تولغان تۈزۈم تەجرىبىسى، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى››نى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ماكان ‹‹كىشى ئىشەنگۈسىز›› دەرىجىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى پۈتۈپ چىقتى. ئۆتكەن بەش يىلدا ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي مۆجىزە››نى ياراتقان پارتىيە جۇڭگو زېمىنىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر ئاي ئىلگىرى، ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيى يەنە بىر قېتىم ئابىدە تىكلىدى، زامانىمىز كوممۇنىستلىرى زور غەيرىتى، زور ئەقىل – پاراسىتى، زور كۈچى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىدىيەۋى تۈرتكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى، شۇنداقلا كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدىغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ ھەم پارتىيە ئۇزاق مەزگىل قەتئىي چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىنىپ، جەۋلان قىلىۋاتقان مەنىۋى بايراققا ئايلاندى.
       بۇ، ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاچقان ئەڭ يېڭى ئىدىيەۋى مەنزىل. سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بۇ نەزەرىيە يېڭىلىقىنى ‹‹يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يورۇتۇپلا قالماستىن، يەنە خەلقئارا كوممۇنىزم ئىشلىرىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ›› بىلەن تەمىنلىدى، دەپ ماختىغاندا؛ غەرب دۇنياسى ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەڭ ياخشى تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى››، ‹‹بۇ ئىدىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چوقۇم داۋاملىق دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا يېتەكلەيدۇ›› دېگەندە، كىشىلەر ماركسنىڭ ئۇلۇغ تەلىماتىنىڭ جۇڭگو يولى ئارقىلىق نامايان قىلىنغان ‹‹ھەقىقەت نۇرى››نى كۆردى، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشى ‹‹بىر خىل ئېھتىياتچان تەلىمات، بىر خىل ئىلمىي تۈزۈم، بىر خىل چوڭقۇر ئىدىيە، بىر خىل گۈزەل غايە››گە ئېھتىرام بىلدۈردى.
    جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ 21 – ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقەلىرىنىڭ بىرى. تارىخنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ قارايدىغان بولساق، بىر قانچە يىلدىن كېيىن تارىخقا قوشقان نەتىجىلىرىمىزنى، دەۋرنى يورۇتقان ئىدىيە نۇرلىرىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز.
       (2) ياپونىيەلىك ئالىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سۆز سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ‹‹يول›› ۋە ‹‹يۈرۈش›› سۆزلىرىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى بايقىغان. بۇ ئىككى سۆز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىنى ئىپادىلىگەنىدى.
       جۇڭگو ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا كوممۇنىستلار ئاچقان ‹‹يول››دا ‹‹يۈرۈپ›› ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. 68 يىل ئىلگىرى خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشتىن تارتىپ 39 يىل ئىلگىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانغىچە، يەنە بەش يىللىق زور تەرەققىيات ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىشقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، دەۋرنىڭ شىددەتلىك ئېقىنىدا ئۆزىگە مۇناسىپ يول ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭدى.
       مانا بۇ ئىلگىرى – كېيىنلىك جەرياندا كوممۇنىستلار كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. قانداق ئىنقىلاب قىلىش، ئىنقىلابنى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئىزدەندى، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، قانداق قىلغاندا سوتسىيالىزم قۇرغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئويلاندى، ماركسىزم ‹‹ھەقىقەتنى ئاخىرلاشتۇرمىدى، بەلكى ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولنى ئاچتى››.
     ئۆتكەن بەش يىلدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋر بۆلگۈچ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يارىتىپ، ‹‹يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش›› دېگەن مەسىلىگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، نەزەرىيەدە يەنە بىر قېتىم ھالقىدى. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ جۇڭگو يولى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا يەتتى.
    گېرمانىيە شائىرى خېينى ئىلگىرى ‹‹ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، خۇددى چاقماق گۈلدۈرمامىنىڭ ئالدىدا كۆرۈنگەندەك››، دەپ يازغان. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، چوڭقۇر مەزمۇنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا ئاللىبۇرۇن پۈتۈلۈپ، خۇددى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان مەشئەلگە ئوخشاش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىجادىي ئىزدىنىشى، ئەمەلىيىتىنى يورۇتتى. ئاۋسترالىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ئوبزور گېزىتى››دە: شى جىنپىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن جۇڭگونى ئۆزگەرتتى، جۇڭگونىڭ ھازىرقى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 8000 دوللاردىن ئېشىپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىك قىلغان مەزگىلدە %40كە يېقىن ئاشتى، ئاسىيانىڭ يېڭى تەرتىپى ‹‹ئەمدىلا نامايان بولغىنى يوق، بەلكى ئاللىقاچان نامايان بولغان››، دەپ باھا بېرىلدى. ھالبۇكى، بۇ بەش يىلدىكى ئەڭ جانلىق نەزەر يەنىلا مىللەتنىڭ تارىخىي ھېسسىياتقا باي بولغان ئۆزىنى كۆزىتىشىدىن كەلگەن: جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بېيىشتىن، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى.
     ‹‹گۈللەپ ياشنىغان زېمىندىن، مۇزلار ئېرىگەن دەريادىن سوراڭ››. 1980 – يىلى، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسەتكەن جۇڭگوغا قارىتا، شائىر ئەي چىڭ باھاردىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئويغىنىشىغا تەقلىد قىلىپ، ‹‹ئازاد قىلىنغان ئىدىيە›› بارلىققا كەلتۈرگەن دەۋر ئېقىنىنى چۈشەندۈردى. بىز ھازىر جۇڭگو زېمىنىدا يېڭى ئىدىيەنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق. ‹‹ئادەتتىن تاشقىرى بەش يىل››غا نەزەر سالساق بىز بۇ ئىدىيەنى چۈشىنىشتىكى بىر قانچە چوڭقۇرلۇقنى ئېنىق كۆرەلەيمىز  ——
      شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ‹‹تارىخىي ئۆزگىرىشى›› ۋە ‹‹تارىخىي مۇۋەپپەقىيىتى›› بولمىغان بولاتتى. بۇ ئىدىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى تارىخىي يۆنىلىشكە ئىگە قىلغانلىقىمىزدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقانلىقىمىزدا.
      شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بولمىغان بولسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ‹‹ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشى›› بولمىغان بولاتتى. بۇ ئىدىيەنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى بىزنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىغا مىسلىسىز يېقىنلاشقانلىقىمىزدا، بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ مىسلىسىز بولغانلىقىدا.
      شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بولمىغان بولسا، ‹‹ئىلمىي سوتسىيالىزم 21 – ئەسىردە جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولمىغان›› بولاتتى. بۇ ئىدىيەنىڭ نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى غايىۋى جەمئىيەتكە ئىنتىلىش ھەقىقىتىنى ئىگىلىگەنلىكىمىزدە، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولى ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىش تىكلىگەنلىكىمىزدە.
     شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بولمىغان بولسا، ‹‹دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشالمىغان›› بولاتتى. بۇ ئىدىيەنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى قوشقانلىقىدا.
     10 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلدى. كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى ناھايىتى تېزلا خەلقئارا جەمئىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ‹‹كۈچلۈك ئوقۇشلۇق››قا ئايلاندى. جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى روبېرت كۇھىن باھا بېرىپ: ‹‹شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلدى››، دېدى.
     بىز يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، بۇ بىر قانچە چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ، ئىدىيە مەشئىلىنىڭ مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىنى قانداق يورۇتقانلىقى ھەققىدە ئىزدەندۇق؛ ئىدىيە نۇرىنىڭ جۇڭگونى ئۆزگەرتىش، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.
     (3) ماركس مۇنداق دېگەن: كىشىلەر ئۆز تارىخىنى ئۆزى يارىتىدۇ، ئەمما ئۇلار خالىغانچە ياراتمايدۇ، بەلكى بىۋاسىتە يولۇققان، بېكىتكەن، ئىلگىرىكىگە ۋارىسلىق قىلغان شارائىتتا يارىتىدۇ. بەش يىل ئىلگىرى، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق پاراخوت يەنە بىر قېتىم يولغا چىقتى، ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلغىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تېز تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى ھەم يىغىلىپ قالغان ‹‹تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى مەسىلىلەر››، شۇنداقلا ‹‹نۇرغۇن زىددىيەت گىرەلەشكەن، يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر كۆپەيگەن كەسكىن خىرىس›› بولدى.
      2012 – يىلىنى ئەسلىگەندە، نۇرغۇن كىشىنىڭ مۆلچەرى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. شۇ يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم %8تىن تۆۋەن بولدى. ‹‹لۇئىس بۇرۇلۇش نۇقتىسى››، ‹‹ئوتتۇرا ھال كىرىم توزىقى››، ‹‹تاسىتۇس توزىقى››، ‹‹سۇسىدىدېس توزىقى››... ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر قاتار توسۇقلار مىسال كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگو ئاجىزلاشتى، دەپ جار سالدى، سوتسىيالىستىك جۇڭگوغا قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە كىشىلەرمۇ ‹‹تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى يېڭى مەسىلىلەر ياخشى ھەل قىلىنمىسا، جۇڭگونىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدىغانلىقى››دىن ئەندىشە قىلدى. كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەيدىغان، دەۋر ئالماشقان بۇنداق ‹‹قىيىن پەيت››تە، ھەممەيلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانداق قىلىپ ئىلگىرى نەچچە قېتىم شانلىق نۇر چاچقان شەرقتىكى بۇ قەدىمىي دۆلەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى، تارىخنىڭ يەنە بىر بۇرۇلۇش پەيتىدە ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا قانداق يېتىدىغانلىقىغا نەزەر سالدى.
      جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بۇ بەش يىل خۇددى شى جىنپىڭنىڭ مۇنۇ مەردانە جاكارلىشىغا ئوخشايدۇ: ‹‹قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولسا، ئىرادە شۇنچە تاۋلىنىدۇ، ئەستايىدىل بولغاندىلا يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ››. بەش يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، چىرىكلىك مەسىلىسى ئېغىر بولۇشقا قارىتا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق قول بولۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالىنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتىپ، مەركەزدىكى كۆپلىگەن رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەرگە بولغان يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بارلىق ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىدىغان ‹‹باش قوماندان››غا ئايلاندى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ۋە ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ ئاجىزلىشىشىغا قارىتا، كۈچلۈك جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، داۋالغۇش جەريانىدا تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ياخشىلىنىشى ۋە تارىخىي بۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. دۇنيا ئىقتىسادى سىجىل كاسات بولۇۋاتقاندا، جۇڭگو ئىقتىسادى %30تىن يۇقىرى ئوتتۇرىچە ئېشىش تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولدى.
    1500 نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى زىچ يولغا قويۇلدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %4تىن تۆۋەن بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىياپىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، خەلق ئارمىيەسى يالقۇن ئىچىدە تاۋلاندى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچەيدى، ئىدېئولوگىيەنىڭ ئاساسىي يېتەكچىلىك ھوقۇقى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى... 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان ئون جەھەتتىكى خۇلاسىگە ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزىدىغان نۇرغۇن جاسارەت، نۇرغۇن قاينام – تاشقىنلىق ئۆزگىرىش يوشۇرۇنغان بولۇپ، ھەيران قالارلىق نۇرغۇن بۇرۇلۇش مۇجەسسەملەنگەن. 1800 نەچچە كۈندە يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشنىڭ غايەت زورلۇقى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، سالمىقىنىڭ چوڭلۇقى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
     جۇڭگونىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىگە ھەم جۇڭگودا چوڭقۇر قاتلاملىق تۈپ ئۆزگىرىش يۈزبېرىشىگە زادى نېمە تۈرتكە بولدى؟ ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرو ھەم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ روھ بولغاچقا، بىز مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق››. 19 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى گۇاڭشىغا بارغاندا، ئاساسىي قاتلامدىكى بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ يۈرەك سۆزى مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ تەسىراتىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە دېڭ شياۋپىڭنىڭ ‹‹ھەرقانداق بىر رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك، يادروسىز رەھبەرلىك ئىشەنچلىك ئەمەس›› دېگەن مەشھۇر سۆزىنى دەلىللىدى. توسالغۇلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگونىڭ بۇ كاتتا نەتىجە تىزىملىكىمۇ تاراتقۇلارنى ھەيران قالدۇردى، تاراتقۇلاردا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹شى جىنپىڭ كەلگۈسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلالايدىغان سىياسىيون››، ‹‹ئۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ناھايىتى كەڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى ۋە پىشقان سىياسىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، ناھايىتى تېزلا خەلقئارا ئىشلارغا ئاساسلىق يېتەكچىلىك قىلالايدىغان رەھبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى››. چەت ئەلدىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر: ‹‹شى جىنپىڭ جۇڭگونى ئويغاتماقتا›› دېگەن يەكۈننى چىقاردى.
     بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ‹‹ئويغانغان›› جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشنى بېجىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋرگە كىردى. جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرىگە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوغا، ئۆتكەن بەش يىلغا نەزەر سالساق، بىز بۇنىڭ بىر تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئۇقۇم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىدىيەدىكى تەدرىجىي تەرەققىيات ئۇقۇمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
      مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئارقىلىق ‹‹ۋاقىت لوگىكىسى››، ‹‹ بەش بىر گەۋدە››، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئارقىلىق ‹‹ئىستراتېگىيەلىك لوگىكا››، يېڭى نورمال ھالەت ئارقىلىق ‹‹ئېشىش لوگىكىسى››، يېڭى تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ‹‹تەرەققىيات لوگىكىسى››، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ‹‹ئىدارە قىلىش لوگىكىسى››، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ‹‹روھ لوگىكىسى››، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئارقىلىق ‹‹ئېكولوگىيە لوگىكىسى››، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ‹‹پارتىيە لوگىكىسى››، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ‹‹دۇنيا لوگىكىسى›› قايتىدىن بەرپا قىلىندى... پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە شى جىنپىڭ ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەپ، مىللىي گۈللىنىش ئىشلىرىنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى يېڭى ئەھۋاللارنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پەرەز قىلىپ، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر دائىرىسى، چوڭقۇر تەپەككۇرى ئارقىلىق زامانىمىز كوممۇنىستلىرىغا قويۇلغان سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشتا ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى.
      بۇ، بىر يۈرۈش پۇختا ھەم مۇكەممەل لوگىكىلىق سىستېما، شۇنداقلا ھەجىمى چوڭ، ئىنچىكە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ئىدىيەۋى سىستېما. بەش يىلدىن بۇيان، مىليونلىغان خەلق شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزگەنلىكىنى، ماركسىزم ئىدىيەسىنىڭ پارلاق نۇرىنى ھېس قىلدى. ‹‹ئىدىيە بولمىغان دەۋر خۇددى رولسىز كېمىگە ئوخشايدۇ››. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۆزىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان نەزەرىيەۋى خىسلىتى بىلەن ھەقىقەت تۇغىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، دەۋر رولىنى باشقۇرۇپ، گۈللىنىش يەلكىنىنى ئېچىپ، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ – خەتەرلەرنى توسۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە كۈچەيتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.
      بۇ يەنە پۈتۈن دۇنيا يۈكسەك دىققەت قىلىدىغان يېڭى دەۋر. 19 – قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن ‹‹جۇڭگو: شى جىنپىڭ دەۋرى›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تۇنجى قېتىم قويۇلدى، فىلىمدە شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى بەش يىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشەندۈرۈلدى. ئاساسلىق فىلىم ئىشلىگۈچى ئېنىق قىلىپ: پۈتكۈل ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ يادروسى شۇكى، ‹‹بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدا، بىر ئەڭ دەسلەپكى كۈچ مەنبەسى بار، ئۇ بولسىمۇ شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قارىشى ۋە سىياسەت  –  فاڭجېنلىرىدىن ئىبارەت›› دېدى. بىر خىل ئىدىيە 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان زېمىندا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىگە تارىخىي تەسىر كۆرسەتسە، بۇنداق يېڭى ئىدىيە بىر يېڭى دەۋرنى تامامەن بەلگىلىيەلەيدۇ.
     (4) مىليونلىغان خەلقنىڭ خاتىرىسىدە بۇ يېڭى دەۋر شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىدىن باشلىنىپ، بىر قەدىمىي دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنى ئاچتى.
      بۇ جەزمەن تارىخ بېتىگە خاتىرىلىنىدىغان كۆرۈنۈشلەر. 2012 – يىلى 11 – ئايدا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ سىرتقا چىققاندا، دۆلەت مۇزېيىغا بېرىپ، ‹‹گۈللىنىش يولى›› ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يېڭىدىن باش شۇجىلىققا سايلانغان شى جىنپىڭ: ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ 2017 – يىلى 10 – ئايدا ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ سىرتقا چىققاندا، ج ك پ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورنى ۋە نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىنىڭ يېنىغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ‹‹يىلتىزى››نى ئىزدىدى، باش شۇجىلىققا قايتا سايلانغان شى جىنپىڭ ‹‹جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش››تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تەكىتلىدى.
    18 – قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ باش ۋەزىپىسى ‹‹سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن 19 – قۇرۇلتايدا ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى›› دەپ چاقىرىق قىلىشقىچە، شى جىنپىڭ تارىخىي نەزەر بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىش نىشانىنى شەرھلەپ بەردى. يېڭى ئىدىيە بىلەن باشلانغان يېڭى مۇساپىدە دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارقا – ئارقىدىن ئۇلىشىدىغان نىشانغا ئايلاندى، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاچقان جۇڭگو يولى بۇ مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلماقتا.

     دۇنيادىكى ھېچقانداق مىللەت تارىختا گۈللىنىش ۋە ئىشغال قىلىنىشنى جۇڭخۇا مىللىتىدىنمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ باقمىغان، ھېچقانداق مىللەت ئۇدا 2000 يىلدىن ئارتۇق دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭغاندىن كېيىن، بىردىنلا ‹‹زېمىنى ئىشغال قىلىنىپ، قاتتىق ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە قېلىش››تەك كۈلپەتكە ئۇچرىمىغان، شۇڭا، دۇنيادىكى ھېچقانداق مىللەتنىڭ دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللىي گۈللىنىشكە بولغان ئارزۇسى جۇڭگو خەلقىنىڭكىدەك بۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس. ئۆتمۈشكە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇزاق ۋاقىت ئىشغال قىلىنغان بۇ مۇقەددەس زېمىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى، ماۋ زېدۇڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ‹‹دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا مۇستەقىل قەد كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بار›› دەپ قەسەم قىلغاندىن تارتىپ دېڭ شياۋپىڭ ‹‹كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش››نى تەكىتلىگىچە، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ئۆزگەرمىدى. بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ زور تېمىنى ھازىرغىچە ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ چوڭقۇر شەرھلەپ، ئۇنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ‹‹ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچ››كە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۈرەش قىزغىنلىقىنى قوزغايدىغان مەنىۋى بايراققا ئايلاندۇردى.
     جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى تۇنجى قېتىم ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››غا يىغىنچاقلاندى؛ مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، يەنى دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللىي گۈللىنىش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ يولى، مەنىۋى تۈۋرۈكى، كۈچ مەنبەسى سىستېمىلىق شەرھلەندى؛ ئۇلۇغ ئارزۇ بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتى تۇنجى قېتىم ئېنىق شەرھلەندى؛ جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى تۇنجى قېتىم چۈشەندۈرۈلۈپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى، ھەم ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى بىلەن ئوخشاش›› دەپ ئېنىق جاكارلاندى... بۇ بايانلار دۇنيانىڭ جۇڭگونى بىلىشى ئۈچۈن چوڭ بىر كۆزنەك ئېچىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەت ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى پارلاق دەۋرى ياكى ياۋروپانىڭ ئاقارتىش دەۋرىدىن قېلىشقۇسىز گۈللىنىش يولى تەسەۋۋۇرىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت ‹‹1000 يىللىق ئۆكۈنۈش››كە بولغان چوڭقۇر تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈردى. يېشى 90دىن ھالقىغان كىسسىنگىرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ: ‹‹شانلىق ئارزۇ بولغاندىلا، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ›› دېگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
      خۇنەندىكى تاغلىق كەنتتە، بىر كەنت ئاھالىسى: ‹‹قاردا مېيخۇا گۈلىدىن كۆردۈم جۇڭگو ئارزۇسىنى، قارلىغاچ ۋە يېشىللىق يەتكۈزدى باھار خەۋىرىنى›› دەپ مەسنەۋى چاپلىدى؛ ئامېرىكىدىكى جۇڭگو چياۋمىنى قەلب ساداسىنى بايان قىلىپ: ‹‹يات ئەلدىمۇ چۈشۈمدە ئايان بولۇر ئانا ۋەتىنىم، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ قايناپ تاشار سېغىنىشىم›› دەپ مەسنەۋى چاپلىدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، مىللىي گۈللىنىشنىڭ چوڭ شاھمات تاختىسى ئالدىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو ئارزۇسىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق ئۇقۇم ئارقىلىق جۇڭگو ئېتىقادىنى قايتا سۈرەتلەپ، جۇڭگو غايىسىنى قايتا تۇرغۇزۇپ، جۇڭگو كۈچىنى قايتا مۇجەسسەملەپ، مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ جەسۇرانە ئىلگىرىلەش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگونىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىللىق ئۇزاق مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىپ، 170 يىلدىن ئارتۇق جاپالىق ئىزدىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىر ئارزۇسىغا ئەڭ يېقىنلاشقان بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى.
     ۋاقىت تۈگۈنى بەلگە قىلىنىپ، 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېڭى ئۇلۇغ پىلان سۈرەتلەپ بېرىلدى. ئارقىدىنلا، جۇڭگو ئېغىر نامراتلىقتىن تارىخىي خاراكتېرلىك قۇتۇلۇپ ھەم ئورتاق بېيىشقا يۈرۈش قىلىپ، ئاساسىي جەھەتتىن زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالە زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق قەدەم قويۇشنىڭ مۆجىزىسىنى تۇنجى بولۇپ يارىتىدۇ. ھالبۇكى، دۆلەتنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار نىشانلىرى ئاستىدا، ‹‹ھەربىر جۇڭگولۇق تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئارزۇغا يېتىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ››، سانسىزلىغان غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەر قان – تەر تۆكۈپ كۈرەش قىلغان گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ساناقلىقلا كۈن قالدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نامايەندىلىك ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغۇسى.
      (5) بۇ نامايەندىلىك ۋەقەنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك تەسىرى —— سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت 500 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىلغار ئىدىيەنىڭ بىر نەچچە قېتىم يۈكسىلىش ۋە پەسكويغا چۈشۈش ئارقىلىق دۇنيانىڭ شەرقىدە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقىدا.
      بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تۆھپىسى، شۇنداقلا بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ چەكسىز شەرىپى. 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. رۇسىيە ‹‹ھەقىقەت گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹ئۆكتەبىر نۇرى كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ›› ناملىق خاتىرىلەش ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى›› قالمىغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كىشىلەرنى ‹‹ئۆكتەبىر نۇرى››غا ھېلىھەم ئىشەندۈرمەكتە. ‹‹نۇقتىئىنەزەر گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر پارچە خاتىرىلەش ماقالىسىدە ‹‹كوممۇنىزم روھى››نىڭ نېمە ئۈچۈن ياۋروپادا قايتا پەيدا بولۇۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنىپ: ‹‹بۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ھەيران قالارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ تۆھپىسى››، جۇڭگو ‹‹ئەمەلىيەتتە دۇنيا بويىچە 1 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، شۇڭا، ئەلۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن يۈزلىنىشنى بەلگىلەيدۇ، ئىدىيە ساھەسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس›› دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
     جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنياغا تىرەك بولدى، جۇڭگو ئىدىيەسى دۇنيانىڭ رىتىمىنى بەلگىلىمەكتە. ھازىر، 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا تۇغۇلغان نۇرغۇن ياش ماركسقا يۈزلىنىشكە باشلاپ، ‹‹ماركس ئىشەنچلىك›› دېيىشمەكتە؛ ياۋروپادا ‹‹ماركسىزم يەنە بىر قېتىم مودا بولدى››، بەزى گېزىتلەرنىڭ 1 – بېتىگە ماركسنىڭ باش سۈرىتى قىپقىزىل تەگلىك بىلەن بېسىلدى، سىياسىي ئەربابلار ‹‹كاپىتال››دىن ئەقىل – پاراسەت ئىزدەشكە باشلىدى؛ ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتاب قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا 24 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، 27 خىل نۇسخىدا نەشر قىلىندى، تىراژى 6 مىليون 600 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى 160 دۆلەت ۋە رايوندا بازارلىق كىتابقا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹بۇ كىتاب تەسىر كۆرسەتكەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپى ئاساسىي ئېقىمدىكى كىشىلەر بولدى››. بۇلار خۇددى توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ‹‹سوتسىيالىزم <مودا بولماقتا>›› ناملىق مەخسۇس فىلىمنىڭ نامىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.  بۈگۈنكى دۇنيادا جەمئىيەت تۈزۈمىدە پەرق بولۇپ، ئىدېئولوگىيە  ئوخشاشمىسىمۇ، ماركسىزمنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى، ‹‹جۇڭگو سوتسىيالىزم تەلىماتىنى قايتىدىن بۈيۈكلەشتۈردى›› دېگەن قاراش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.
      تارىخ ئەڭ ياخشى ئۇستاز، ئەمەلىيەت ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم. بىز ياشاۋاتقان دەۋرنى ماركس ياشىغان دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا غايەت زور ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ 500 يىللىق چوڭ نەزەر دائىرىسىدىن قارىغاندا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدا سوتسىيالىستىك جۇڭگودا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ئۇ كۆرسەتكەن مىسلىسىز دۇنياۋى تەسىر، ئېرىشكەن بارغانسېرى كۆپ خەلقئارا ئېتىراپ قىلىشلار ‹‹بىزنىڭ ھېلىھەم ماركسىزم كۆرسەتكەن تارىخىي دەۋردە تۇرۇۋاتقانلىقىمىز››نى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدى. بۇ بىزنىڭ ماركسىزمغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىمىزنى، سوتسىيالىزمغا بولغان جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىمىزنى ساقلىشىمىزنىڭ ئىلمىي ئاساسى. شى جىنپىڭ سوتسىيالىزمنىڭ 500 يىللىق ئىدىيەۋى مەنبەسى ۋە تەدرىجىي تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىپ، پارتىيەمىز تىرىشىپ ‹‹ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئىجادىي تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك›› دەپ ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بارلىققا كەلدى، بۇ يېڭى ئىدىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىدە، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، بۇ دەل پارتىيەمىزنىڭ 21 – ئەسىردىكى ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان يېڭى تۆھپىسى. بۇ تۆھپىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك يېرى  سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغانلىقتا.
      19 – قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك بىر مۇخبىر بىر تەرەپلىمە قاراش سەۋەبىدىن ‹‹باش تېمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ›› بىر يۈرۈش خەۋەر يېزىپ، جۇڭگونىڭ ‹‹كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ ئايرىلىش مەسىلىسى››نى قازماقچى بولدى، ئويلىمىغان يەردىن سەل ئىچكىرىلىگەنسېرى جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتى  ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئاخىرىدا ئۇ ‹‹جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى››نى ياخشى يېزىش قارارىغا كەلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگودا 55 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە ئازايدى، بۇ، ياۋروپادىكى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئاھالىسىگە باراۋەر، ب د ت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز بۇ بىر مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشىنى جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى، شۇنداقلا ئۇ يەنە ‹‹شى جىنپىڭ دەۋرى››نى كۆزىتىدىغان ئەڭ ياخشى كۆزنەك بىلەن تەمىنلىدى، دەپ تەرىپلىدى. جۇڭگونىڭ بۇ بەش يىلى سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى مىسلىسىز گەۋدىلەنگەن بەش يىل، تۈزۈم ئۈستۈنلۈكى بىلەن ھاياتىي كۈچ مىسلىسىز جارى قىلدۇرۇلغان بەش يىل، كومپارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئېتىقادى مىسلىسىز كۈچەيتىلگەن بەش يىل، شۇنداقلا ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش››تىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئەمەلىيەتتىن تولۇق ئۆتكۈزۈلگەن بەش يىل بولدى. مۇشۇ نۇقتىنى كۆرگەندىلا، شى جىنپىڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹‹پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش›› كېرەكلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەيدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ‹‹بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق›› كېرەكلىكى توغرىسىدا قايتا – قايتا خىتاب قىلغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ‹‹ئورتاق بېيىش››تا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، نېمە ئۈچۈن ‹‹ماركسىزم پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىدىكى پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخنىڭ يىلتىزى، ئۇ دەل پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن ئېقىمنىڭ مەنبەسى›› ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى، نېمە ئۈچۈن بىر يۈرۈش مۇكەممەل ئىدىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى بويىچە سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق جۇڭگو زېمىنىغا يېزىش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇغىلى بولىدۇ.
      ماۋ زېدۇڭ: ‹‹ھەر بىر دۆلەتتە، ھەر بىر مەزگىلدە، يېڭى نەزەرىيەچىلەر چىقىپ، يېڭى نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ››، دېگەنىدى؛ دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹ماركسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەينى دەۋردىكى تىلى بار ئىدى، بىزنىڭمۇ ئۆز دەۋرىمىزدە تىلىمىز بار›› دېگەنىدى. شى جىنپىڭ كۈچلۈك ئىدىيە كۈچى، ئىجادىيەت كۈچى، غايەت زور سىياسىي ئەقىل – پاراسىتى، نەزەرىيە جاسارىتى بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزمدىن ئىبارەت ئىنسانىيەت ئىدىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنقىلابنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئالدىغا زور بىر قەدەم سىلجىتتى. نەزەرىيە ‹‹دائىم يېڭىلىنىپ›› تۇرغاندىلا، ئاندىن ‹‹دائىم مەزمۇت›› تۇرالايدۇ. بۇ دەۋر بۆلگۈچ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21 – ئەسىردىكى جۇڭگودا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيادا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۈتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
      جۇڭگونىڭ كۈرىشى دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. 19 – قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، 165 دۆلەت، 452 ئاساسىي پارتىيە 855 پارچە تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، بۇ تەبرىك خەتلىرى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىنلا ئەمەس، غەربتىكى كاپىتالىزم لاگېرلىرىدىنمۇ كەلدى. بارغانسېرى كۆپ كىشى: ‹‹دۇنيانىڭ يېڭى كەلگۈسىنىڭ ئەڭ زور ئۈمىدى جۇڭگوغا باغلىنىدۇ›› دەپ ھۆكۈم قىلىشتى، بارغانسېرى كۆپ كىشى: ‹‹دۇنيانىڭ 2030 – يىلىدىكى قىياپىتى جۇڭگوغا باغلىق›› دەپ قارىدى. چەت ئەل تور بېكەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىنىپ: جۇڭگو ئەندىزىسىدە نۇرغۇن كىشى ئۆز دۆلىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى كۆردى. پۈتۈن دۇنيادىكى يۈكسەك ئىرادىلىك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، بۇ ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تاللاش، دېيىلدى .
       2017 – يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغىنىغا 100 يىل بولدى؛ 2018 – يىلى ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 170 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىغا توپتوغرا 40 يىل بولغانلىقىمۇ كۈتۈۋېلىنىدۇ. تارىخ ئاخىرلاشمىدى ھەم ئاخىرلاشمايدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، سوتسىيالىزم ‹‹تارىخىي مۇزېي››غا كىرىپ قالمىدى، بەلكى ماركسىزملىق ئېتىقادقا ئىگە كىشىلەر ئۇنىڭ ھەقىقەت نۇرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرماقتا.
       (6) شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئۈچ چوڭ ئىدارە قىلىشنى، يەنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە يەر شارىنى ئىدارە قىلىشنى تاماملىشىغا رەھبەرلىك قىلماقتا. ئامېرىكىلىق ئالىم تۈزگەن ‹‹شى جىنپىڭ جۇڭگونى گۈللەندۈردى›› ناملىق كىتابتا يۇقىرىقىدەك باھا بېرىلدى.
       شۇنداق، بۈگۈنكى دۇنيا ‹‹400 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش››نى باشتىن كەچۈرمەكتە؛ بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە مىسلىسىز يېقىنلاشماقتا. خىرىس ئارقا – ئارقىدىن پەيدا بولۇۋاتقان، خەۋپ – خەتەر كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان دۇنيادا شى جىنپىڭ ‹‹دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو رەھبىرى›› بولۇش سۈپىتىدە، دەسلەپتىلا ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى›› ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دەپ قارىدى. فىرانسىيەنىڭ شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جۇڭگونىڭ ‹‹كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى›› نى رەتلەپ چىققاندىن كېيىن، ھاياجان بىلەن: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ھەر بىر قېتىملىق ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ھالقىغان مەسىلىلەرگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، يەر شارىنى ئىدارە قىلىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن <جۇڭگو لايىھەسى> بىلەن تەمىنلىدى››، ‹‹ئۇ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە›› دېدى.
       يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش، توغرا ئەدەپ – مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك يەر شارىنى ئىدارە قىلىش قارىشىغا ئەمەل قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش... دۇنيانى ئېنىقسىزلىق قاپلىغان، كىشىلەر كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقان ھەم گاڭگىراپ قېلىۋاتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى كەڭ ۋە چوڭقۇر تارىخىي نەزەر، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھى، دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان چوڭ دۆلەت جاسارىتى بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۈكسەك يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ‹‹ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى››نى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەم تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى، ھەم ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىغا يۈزلىنىشىنى يېپيېڭى تاللاشقا ئىگە قىلىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
      شەرقتىن كەلگەن ئىدىيەۋى كۈچ دۇنيانى ھەقىقىي ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئۆتكەنكى بەش يىلدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بەئەينى ئىككى قاناتقا ئوخشاش جۇڭگونى باش نۇقتا قىلىپ، قەدىمكى چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئوكياننى بويلاپ قاناتلاندى. مىسىرنىڭ يېڭى پايتەختىدىكى مەركىزىي سودا رايونىدىن جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى شامال ئېلېكتىر تۈرىگىچە بولغان تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيلىك يولىدا ئۇلۇغ ئىدىيە ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرىكى ‹‹سۈت ۋە ھەسەل ماكانى›› يەنە بىر قېتىم لىنىيە بويىدىكى خەلققە بەخت – سائادەت ئاتا قىلدى. 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى ‹‹جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى›› دېگەن كەسكىن بايان، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىدۇ›› دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدە دۇنيانى ‹‹جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ›› دەپ ھاڭ – تاڭ قالدۇردى.
    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننېدى ھۆكۈمەت ئىنستىتۇتى دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئوبرازى توغرىسىدا دۇنيا بويىچە ئاۋامدىن پىكىر ئالغان بولۇپ، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئېتىراپ قىلىش نىسبىتى، 30 دۆلەتتىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئون دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئېتىراپ قىلىش نىسبىتى، شۇنداقلا زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بولغان ئىشەنچ نىسبىتى جەھەتلەردە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەممىسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بەزى چەت ئەل ئالىملىرى: خەلقئارا سەھنىدە ‹‹شى جىنپىڭ ئىش قىلىشتەك ئاكتىپ پوزىتسىيەسى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە جۇڭگونى يېڭىباشتىن تونۇتتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئورنى زور دەرىجىدە ئۆستى›› دەپ باھا بەردى.
     ھازىر دۇنيا جامائەتچىلىكى ‹‹جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەقدىرىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى››نى چوڭقۇر تونۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ جۇڭگو بىلەن ‹‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات پايدىسى››دىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ‹‹ئىدىيەۋى قاراش پايدىسى››دىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر ھېس قىلماقتا. بۇ ‹‹ئۇيقۇدىن ئويغانغان شىر›› دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ھەقىقىي بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹ئۇزاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشى ۋە دەۋر ئېھتىياجىنى توغرا ئىگىلىشى دۇنيا تەرەققىياتىغا زور پايدىلىق››.
       (7) كوممۇنىستلار نەزەرىنى دائىم كەلگۈسىگە ئاغدۇرىدۇ.
       20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىنقىلاب ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندىمۇ، كوممۇنىستلار ئىنقىلابنىڭ ‹‹شەرقتە شانلىق نۇر چېچىپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان يېڭى قۇياش›› ئىكەنلىكىگە داۋاملىق ئىشەنگەن؛ 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، شەرقىي ياۋروپادا كەسكىن ئۆزگىرىش بولۇپ، سوتسىيالىزم دۇنيادا پەسكويغا چۈشۈپ قالغان مەزگىلدىمۇ، كوممۇنىستلار ‹‹دۇنيادا ماركسىزمنى ياقلايدىغانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقى››غا داۋاملىق ئىشەنگەن؛ جۇڭگو مەردانىلىك بىلەن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا، كوممۇنىستلار بىزنىڭ ‹‹ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ شانلىق ھەققانىيەت نۇرىنى چاچىدىغانلىقىمىز››غا تېخىمۇ ئىشەندى.
      ‹‹يەنئەن خەۋەرلىرى››دە 1975 – يىلى 9 – ئايدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، بېيجىڭلىق زىيالىي ياش شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي شەنشىدىكى لياڭجياخې كەنتى ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، پاتقاق گازى ئىشلەپچىقىرىپ پايدىلانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىسى تونۇشتۇرۇلغانىدى. ماقالىگە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق قىلىپ، ‹‹ئوتقا ئېرىشىش خاتىرىسى›› دەپ ماۋزۇ قويۇلغانىدى. ھازىر ئىدىيە ئۇچقۇنى يېڭى مۇساپىنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرۇپ، 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى يېتەكلەپ، تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ھەر بىر ۋاقىت تۈگۈنىگە قاراپ قەدەم ئالماقتا.
     ئۇلۇغ مۇساپىدە، ئىدىيە يالقۇنى تېخىمۇ شانلىق نۇر چېچىپ، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ تاشلىغان پۇختا قەدىمىنى، بىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان كەلگۈسىمىزنى يورۇتماقتا.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.