تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەپچىل چارىلەر بىلەن خورەك تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن

   

   1. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش كېرەك ئىكەن.
   2. ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرۇش لازىمكەن. تاماكا چېكىش نەپەس يولىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ ھاراق ئىچىش بولسا، خورەك تارتىش ۋە كېچىسى نەپەسلىنىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى ھەمدە تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى دېگەنلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ زور بولىدىكەن. دىماق ۋە يۇتقۇنچاق قىسمى راۋان بولغاندىلا، خورەك ئاۋازى يېنىكلەيدىكەن.
   3. سېمىز كىشىلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاكتىپ ھالدا يېنىكلىتىشى ۋە ھەرىكەتنى كۈچەيتىشى كېرەككەن. بۇنىڭدا، بەدەن ئېغىرلىقىنى %5تىن %10كىچە يېنىكلىتىپ تۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدىكەن.
   4. خورەك تارتىش كېسىلى بار بىمارلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ قاندىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن، شۇڭا ئۇلاردا دائىم يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى، يۈرەك سوقۇش رېتىمسىز بولۇش، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىش دېگەندەك نۇقسانلار پەيدا بولىدىكەن، ئۇلاردا يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئاسانلا يۈز بېرىدىكەن، شۇڭا ئۇنداقلار قان بېسىمىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورىلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن.
   5. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىنچلاندۇرۇش دورىسى ۋە ئۇيقۇ دورىسى دېگەنلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك ئىكەن، چۈنكى، ئۇ خىل دورىلار نەپەسلىنىش مەركىزىنىڭ تەڭشىشىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن.
   6. ئۇخلىغاندا چوڭ تىل، يۇمشاق تاڭلاي ۋە كىچىك تىل قاتارلىق ئەزالار بوشاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەزالار ئارقىغا ساڭگىلاپ قالىدۇ، بۇ خىل ھالەت يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇخلىغاندا يانچە يېتىپ ئۇخلاش، بولۇپمۇ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىش كېرەككەن. ئۇخلىغاندا دۈمبە قىسمىغا بىر كىچىك توپ قىستۇرىۋالغاندا، يانچە يېتىپ ئۇخلاش ھالىتىنى مەجبۇرىي ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەن.
  7. ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى بىمارلار يۇمشاق يېمەكلىكنى ئاساس قىلىشى، قىززىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى ۋە قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن.
  8. خورەك تارتىش كېسىلى بار بىمارلار يەنە زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىكەن، ھەمدە دىماق بوشلۇقى توسۇلۇپ قېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى