تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

گەپ- سۆزىڭىز سىلىق-سىپايە بولسۇن

   گەپ قىلغاندا ئاۋازىڭىزنى كونترول قىلىڭ. ئادەم ئاز ئۆيدە ئاۋاز بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئۇ شاۋقۇن -سۆرەنگە ئايلىنپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئاۋاز بەك تۆۋەن بولسا قارشى تەرەپ ئاڭلىماي قالىدۇ. ئەڭ مۇۋاپىقى ئىككى ئادەم بىر- بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىغۇەك دەرىجىدە بولسىلا بولدى. بەك يۇقىرى ئاۋاز باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويىدۇ.  ئاۋاز بەك يۇقىرى، سوقۇشقاندەك چىقماسلىقى، ئىنتۇناتسىيە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سالماق ۋە يېقىملىق چىقىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپ سىزنى سەمىمىيكەن دەپ ئويلايدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، تەربىيە كۆرگەن قىزلار ھەرگىز يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدۇ. ھېسسىياتلىق، مۇلايىم ئاۋاز ئەڭ گۈزەل بولۇپ، ئاۋاز قانچە ھېسسىياتقا باي، قانچە تۆۋەن بولسا، قىزلارغا شۇنچە نازاكەت بېغىشلايدۇ. ئۇلارنى جەلپكارلىققا ئىگە قىلىدۇ. بۇنداق  ئاۋازنى ئاڭلاپلا قارشى تەرەپ ياقتۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، تۆۋەن ئەمما مۇلايىم بولۇش قىزلار ئاۋازىنىڭ گۈزەللىكىدىكى مۇھىم بىر ئامىل.
   گەپ قىلغاندا رېتىم تۇيغۇسى بولۇش كېرەك. خۇددى ماشىنا ھەيدىگەندە ئوخشاش بولمىغان يول  بۆلەكلىرىدە ئەمىلىي ئەھۋالغا قاراپ ماشىنا سۈرئىتىنى تەڭشىگەنگە ئوخشاش، ئاۋازنىمۇ بولۇشىغا قويىۋەتمەي تەڭشەپ سۆزلەش كېرەك. ھەرقانداق سۆھبەتتە ئاۋازنىڭ جاراڭلىقلىقى، ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىنتۇناتسىيەنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى مۇۋاپىق بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. شۇنداق بولغاندىلا سىزنىڭ گېپىڭىز كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئۈنۈمگە ئىگە بولالايدۇ. گەپنى بەك تېز قىلامسىز ياكى ئاستىمۇ؟ بەك تېز سۆزلىسىڭىز باشقىلار چۈشىنەلمەيلا قالماستىن، يەنە تەنتەك كۆرسىتىپ قويىدۇ، بەك ئاستا سۆزلىسىڭىز باشقىلارنى گېپىڭىزگە قىزىقتۇرالمايسىز، تېز سۆزلىسىڭىز يەنە ئاڭلىغۇچى سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزغا يېتىشەلمەي قېلىشى مۇمكىن. گەپنى تېزراق قىلسام ۋاقىتتىن ئۇتىمەن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئاڭلىغۇچىنىڭ سۆزلەش مەقسىتىڭىزنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەلۋەتتە ئاستا سۆزلەشمۇ توغرا ئەمەس، بەك ئاستا سۆزلىگەندە ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن باشقا يەنە ئاڭلىغۇچىنى بىزار قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.
   گەپ قىلغاندا ئاۋاز يېقىملىق، سۆزلەر جايىدا پوزىتسىيە بىمالال بولسۇن. بەزى گەپلەرنىڭ مەزمۇنى گەرچە ئادەمنى ئۇنچىۋالا جەلپ قىلىپ كېتەلمىسىمۇ ئەمما گەپ قىلغۇچىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ.
   گەپ قىلغاندىكى ئىپادىگە دىققەت قىلىڭ. ئىپادە ناھايىتى سەمىمىي، ئوي پىكىر بىر يەرگە مەركەزلەشكەن بولۇشى لازىم. سەمىمىي پوزىتسىيە ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىنى قوزغايدۇ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ساختىلىق، سىپايىگەرلىك بىلەن ھەيۋە قىلىش، قۇرۇق گەپ سېتىش ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قېلىشىمىز مۇمكىن. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا چىرايىدا خوشاللىق ياكى تەبەسسۈم جىلۋىلىنىپ تۇرۇش بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىپادە بولۇپ، قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلاشقاندا چىرايىڭىز كۈلۈمسىرەپ تۇرسا  ئۇ سىزنى ئۆزى بىلەن پاراڭلاشقاندا خوشال ئىكەن دەپ قارايدۇ-دە، ناھايىتى كۆڭۈللۈك پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى