تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئايالنىڭ ئائىلىدىكى مەۋجۇدىيىتى

   ئۆي ئىشلىرى دېگەندە ئەڭ ئاۋۋال ئۆز-ئۆزىگە خىزمەت قىلىش، ئۆي-جاي ئىشلىرىغا قاراش، ئۇلارنى تازىلاش، ئازادە تۇتۇشقا ئوخشاش ئىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئايالنىڭ زىممىسىدىكى ئىشلار بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئىشنى نىسبەتەن يېنىكلەشتۈرىدىغان تېخنىكىلىق جابدۇقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۆي ئىشى يەنىلا ئاياللارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى، قۇۋۋىتىنى خورىتىدۇ.
   ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كىر يۇيۇش ۋە يۇيغان كىرلەرنى يېيىش ئۈچۈن سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ مىقدارى تىراكتور بىلەن ئىشلەش، ئەينەكلەرنى سۈرتۈش ئاپتوموبىل ھەيدەشتىنمۇ كۆپرەك بولىدىكەن. بىر قىسىم ئاياللار بۇنى كۆرۈپ، بىر كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆي يىغىشتۇرۇپ، ھەم كىر يۇيۇپ، ھەم ئەينەك سۈرتۈپ، يەنە كىيىم- كېچەكلەرگە دەزمال سالغان ۋاقىتلىرىمىز ئازمۇ؟ دېمىسىمۇ بۇ ئىشلار بىز دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشلارغۇ، دېيىشى مۇمكىن. بەزى ئاياللار ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشىدا ئەرلەردىن خېلى كۆپ مېھنەت سەرپ قىلىدىغانلىقى راست. ئەنە شۇ مېھنەت كەينىدە تاماق ئېتىش، ئۆي يىغىشتۇرۇش، كىر يۇيۇش، تۈرلۈك پىشۇرۇقلارنى تەييارلاش، نان يېقىش، سېيىر سېغىش، گۈللەرنى پەرۋىش قىلىش، يەنە پەرزەنتلەر تەربىيىسى، ئۇلارنى يۇيۇپ- تاراش، مېھمان كۈتۈش دېگەندەك ئىشلار تۇرىدۇ.
   ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئىشتىمۇ، ئۆيدىمۇ ئىككى ھەسسە مېھنەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ يېزا شارائىتىدا ياشاۋاتقان ئاياللارغا تېخىمۇ تەس. ئۇلار ئېتىزدا ئىشلەپ كېلىپ ئۆيدىمۇ ئارام ئالمايدۇ، ئۇلارنىڭ دەم ئالغۇدەك بوش ۋاقتىمۇ بولمىغاچقا دائىم ئۆي تەشۋىشلىرى بىلەن بەند بولىدۇ-دە، نېرۋىلىرى جىددىيلىشىپ ئاسان ئاچچىقلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىگە ئايرىم بوش ۋاقىت ئاجرىتالمىغانلىقتىن ھايات خۇشاللىقلىرىدىنمۇ يېتەرلىك بەھرىمان بولالمايدۇ.
   ئەنە شۇنداق شارائىتتا تۇرۇقلۇق يەنە«سىز بەختلىكمۇ؟»دېگەن سۇئالغا ئۇلار:
- ھەئە، بەختلىكمەن، چۈنكى ئائىلەم بار، پەرزەنتلىرىم بار، ئۆيۈمدە مەن سۆيگەنلەر ۋە مېنى سۆيگەنلەر بار!-دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۆز جۈپتىنى ئايىغان ئەر ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېتەرلىك، كەم-كۈتىسىز بولۇشىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. بازارلىق، سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن ئاساسەن ئۆزى شۇغۇللىنىدۇ. ئوغۇللارنىمۇ كىچىكىدىن شۇنىڭغا ئادەتلەندۈرگەن ياخشى. ئۆيدىكى بارلىق ئېغىر ئىش-تېرىقچىلىق ئىشلىرى، ماللارغا قاراش، ئوتۇن يېرىش، يىراقتىن سۇ يا بىرەر نەرسە كېرەك ئەكىلىش، ئۆيلەرنى ئاقارتىش، ئىشىك-دېرىزىلەرنى سىرلاش، پەرزەنتلەرنى بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلارنى ئىشقا سېلىشنى بىلىش، ئۇلارغا ھۈنەر-كەسىپ ۋە سودا ئىشلىرىنى ئۆگىتىش ئاتىنىڭ ۋەزىپىسى. بولۇپمۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەرلەر بۇ ئىشلارنى ئۆز زىممىسىگە ئالسا، بۇ ئايالغا راھەت، ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى