تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ 11 مىڭ مو پارنىك كۆكتاتلىرى كېلەر ئايدا بازارغا كىرىدۇ

ئۈرۈمچى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتچىسى خې فېڭ (سولدىن ئىككىنچى كىشى) 6-دېكابىر ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى جاتەن كەنتى 2 -ئەترىتىدىكى پارنىكتا كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يېتەكلىدى.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: دېكابىردا ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە كەلسىڭىز، ئاپئاق سۇلياۋ يوپۇقلار بىلەن ئورالغان چوڭ-چوڭ پارنىكلار كۆزىڭىزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر ئايدىن باشلاپ، بۇ ناھىيەدىكى 11 مىڭ مو پارنىكتا تېرىلغان 20 خىلغا يېقىن كۆكتات ئارقا-ئارقىدىن بازارغا كىرىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناھىيەدىكى پارنىكلاردا يېتىشتۈرۈلگەن كۆكتاتلار يىللاردىكىدىن ئوخشىغان بولۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە ھەرقايسى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ بېرىپ ھەمدە يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىن تېخنىكا مۇلازىمەت گۇرۇپپىلىرىنى ئېتىز بېشىدا دېھقانلارنى ئىلمىي تېرىقچىلىق بويىچە يېتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېشىل يول ئېچىپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى