خەلق گېزىتى تورى تېرمىنالى خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەي دىسنېي ئىستىراھەت رايونى ئورگان تورى 6-دېكابىر شاڭخەي دىسنېي باغچىسىنىڭ يېڭى بېلەت ئىشلىرى لايىھەسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر لايىھە 2018-يىل 6-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
2018-يىل 6-ئىيۇندىن باشلاپ، شاڭخەي دىسنېي ئىستىراھەت رايونى شاڭخەي دىسنېي باغچىسى ئادەتتىكى كۈن، ساياھەت بېسىق مەزگىلى، دەم ئېلىش كۈنىدىكى بېسىق مەزگىلدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك بېلەت باھاسىنى يولغا قويىدىكەن. ئادەتتىكى كۈنلەردە بېلەت باھاسى 399 يۈەن، تەتىل، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېسىق مەزگىللەردە بېلەت باھاسى 575 يۈەن، چاغان، دۆلەت بايرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى بېسىق مەزگىللەردە بېلەت باھاسى 665 يۈەن بولىدىكەن.