خەلق تورى خەۋىرى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى يىغىنى 6-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى . مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن خۇيچىڭ مۇنداق دېدى: تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
لىن خۇيچىڭ مۇنداق تەكىتلىدى : ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك. مۆلچەرلىشىمىزچە، 2018-يىلى مەملىكىتىمىزدىن جەمئىي 8 مىليون 200 مىڭ ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ئالاقىدار ئورۇنلار ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك.