6-دېكابىر، زاۋجۇاڭ شەھىرى يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىنى بىيوخىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىم تاشلاندۇق يېسسىۋېلەك قالدۇقلىرىنى يۆتكىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھىرى يىچېڭ رايونىدىكى داچياۋ كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرى ئەتراپىغا قۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىنى بىيوخىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. بۇ بىيوخىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى تاشلاندۇق يېسسىۋېلەك يوپۇرمىقى، كۆكتات يىلتىزى، سېسىغان كۆكتات يوپۇرمىقى قاتارلىق تاشلاندۇق كۆكتاتلارنى بىيوخىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، بۇلارنى ئورگانىك ئوغۇت، سىلوسقا ئايلاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ تاشلاندۇق كۆكتاتلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. (سۇن جۇڭجې فوتوسى)