تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ھەمكارلىق روھى بىزنى ئالغا باستۇرىدۇ

ئابدۇقەييۇم ئېلى

    رىتىمى ئۇچقاندەك تېزلىشىۋاتقان بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى شەخسنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بولۇشىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۆزئارا ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. كەلگۈسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلار كىملەر؟ ئۇ دەل باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماھىر ئادەملەردۇر.
    دېلفىنلار ئوزۇقلۇق ئىزدىگەندە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. دېلفىنلار ھېچبىر كۈچىمەيلا سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقالايدىغان بولۇپ، توپنىڭ ئالدىدا ماڭغان دېلفىن سۇ يۈزىگە بىرنەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە سەكرەپ چىقىپ دېڭىز قۇشلىرىنىڭ نەدىلىكىنى ۋە قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈۋالغاندىن كېيىن دەرھال باشقا دېلفىنلارنى شۇ تەرەپكە باشلاپ ماڭىدىكەن. دېڭىز قۇشلىرى بېلىقنى ئۆزىگە ئوزۇق قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە بېلىقلارنىڭ كەينىدىلا يۈرىدىكەن، شۇڭلاشقا دېلفىنلار دېڭىز قۇشلىرىنىڭ قاياققا ئۇچۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋالسىلا بېلىقلار بار جاينى تېپىپ ئوزۇقلىنالايدىكەن. ئارىمىزدا مەيلى سودا ساھەسىدە بولسۇن، ئۆگىنىش ۋە باشقا قاتلاملاردا بولسۇن ھەمكارلىشىشقا ماھىر كارخانىچىلىرىمىز ۋە ماس ساھەلەردىكى كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلار ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ‹‹بىردىن ئىككى ياخشى›› دېگەننى ئۆز ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەتبىقلىيالىغانلاردۇر.
    بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ھەرقانچە يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھامان چەكلىك بولىدۇ. پەقەت كوللېكتىپنىڭ ئارىسىدىلا شەخسنىڭ قابىلىيىتى ئەڭ يۇقىرى چەكتە نامايان بولىدۇ ھەم ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۇتۇق قازانغان شەخسلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۈكسەك ھەمكارلىق روھىغا ئىگە بولغاچقىلا، كىشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالىغان.
    كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەيلى قايسى ساھەدە، قايسى كەسىپتە بولسۇن، ئۆزئارا ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىق روھىنى يېتىلدۈرگەن ۋە ئۇنى جانلىق ئىشلىتەلىگەن كىشىلا ئۆز ساھەسىنىڭ داغدام يول خېتىگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ھەمكارلىق روھى بىزنى تېخىمۇ ئالغا باستۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى