تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ھەر قايسى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىندى

  تەڭرىتاغ رايونى ياشلار يولى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بەش يۇلتۇز يولى شەرقىي مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە خىزمەتچى خادىملار ۋە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ۋە پارتىيە ئەزالىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئۆگەنمەكتە.

 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدا مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنى بىرلىك قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ ئۆگىنىش بىلەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئۆگىنىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى.

   تەڭرىتاغ رايونى بەش يۇلتۇز يولى شەرقىي مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا، پارتىيەلىك كادىرلار بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىرلىكتە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئۆگەندى ھەمدە «ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش» شەكلى ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  6-دېكابىر، تەڭرىتاغ رايونى ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش كوچىسىدا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى بىرلىكتە ئۆگىنىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى ھەمدە نەق مەيداندا گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشرى تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، خىزمەتچى كىتاب ئىچىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت مەزمۇننى تاللاپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆگەندى.

  «قوش تىل» دەرسخانىسىدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان پاتىگۈل راخمان مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىدىكى ئۆزەمگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆگەندىم ھەمدە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە ياخشى خىزمەتكە ئىگە بولدۇم.

  سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى پاتىگۈل راخمان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، مائارىپ قاتارلىق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغاندا ئالدىراشلىق بىلەن خاتىرە قالدۇردى. مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كادىرلار پاتىگۈلگە راخمانغا يەنە تېخى بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى، يەنى ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەردى. بۇ خۇش خەۋەردىن سۆيۈنگەن پاتىگۈل راخمان :«بۈگۈنكى تەشۋىقات مەزمۇنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەك خۇش بولدۇم، مېنىڭ تۇرمۇشۇم چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى