تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى›› قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى
(2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنى مۇنداق قارار چىقاردى:
    ..........
    11. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى
    (1) 10 – ماددىسى: ‹‹مۇھىم مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش مۇھىم مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە قۇرۇلۇش تەكلىپنامىسى ۋە مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.
    (2) 30 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى ‹‹سالاھىيەت›› دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.
    (3) 34 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى: ‹‹ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالاش ساپاسى بار ئورۇن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالىغاندا، دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى ئىشلىتىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.
    (4) 38 – ماددىسىنىڭ (3) تارماقچىسى: ‹‹(3) ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالايدىغان ئورۇن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالىغاندا، دۆلەتنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى ئىشلەتكەن بولسا.›› دەپ تۈزىتىلدى.
    (5) 39 – ماددىسىدىكى ‹‹سالاھىيەت›› دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.
    ..........
    بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز ئۈستى قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
57 – نومۇرلۇق

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى       

    (1999 – يىل 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلدى، 2014 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى، 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 3 – قېتىم تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە


    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
    2 – باب مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش
    3 – باب مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش
    4 – باب مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالى
    5 – باب مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش
    6 – باب كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش
    7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
    8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ


    1 – ماددا بۇ قانۇن مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى توغرا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، كىلىمات بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مېتېئورولوگىيەلىك مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
    2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش، مېتېئورولوگىيە پەن – تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
    3 – ماددا مېتېئورولوگىيە ئىشلىرى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۇللۇق ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىشى، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىدە ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك مۇلازىمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ تەڭ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ھەم مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئاممىغا، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرىدىغان يەرلىك مېتېئورولوگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاساسلىقى شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ.
    مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ھەقسىز مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، مېتېئورولوگىيەلىك ھەقلىق مۇلازىمەتنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرسا بولىدۇ.
    4 – ماددا ناھىيەلىك، شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ۋاقتىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشى كېرەك.
    5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
    گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى تەڭ دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتى جەھەتتىكى يېتەكچىلىكى، نازارەتچىلىكىدە ۋە ساھە باشقۇرۇشىدا بولۇشى كېرەك.
    6 – ماددا مېتېئورولوگىيە كەسپىي پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيە تېخنىكىلىق ئۆلچىمى، قېلىپى ۋە قائىدىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك.
    7 – ماددا دۆلەت مېتېئورولوگىيە پەن – تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا، مېتېئورولوگىيە ئىلمىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، مېتېئورولوگىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشكە، ئىلغار مېتېئورولوگىيە پەن – تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە، مېتېئورولوگىيە پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغداشقا، خەلقئارا مېتېئورولوگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە، مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت رايونى، چەت – ياقا نامرات رايون، جاپالىق رايوندىكى ۋە دېڭىز ئارىلىدىكى مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.
    مېتېئورولوگىيە خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.
    8 – ماددا چەت ئەل تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە مېتېئورولوگىيەلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەستىقلىشى شەرت.

2– باب مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش


    9 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى، مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەخسۇس ئەسلىھەلىرى، مېتېئورولوگىيەگە خاس تېخنىكىلىق چوڭ جابدۇقلار قاتارلىق مۇھىم مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تەڭشەش، تۈزىتىشنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىشى شەرت.
    مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئېھتىياجغا تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىش، تەكرار قۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
    10 – ماددا مۇھىم مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش مۇھىم مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك ھەمدە قۇرۇلۇش تەكلىپنامىسى ۋە مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.
    11 – ماددا دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
    مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
    12 – ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتىنى كۆچۈرۈۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش ياكى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى قىلىش تۈپەيلىدىن، دۆلەتنىڭ ئۆلچەملىك كىلىمات پونكىتى، ئاساسىي مېتېئورولوگىيە پونكىتىنى كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ باشقا مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتىنى كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك. كۆچۈرۈش – سېلىش خىراجىتىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
    13 – ماددا مېتېئورولوگىيەگە خاس تېخنىكىلىق جابدۇقلار گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن تېخنىكىلىق تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ تەكشۈرتۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلىرىنى مېتېئورولوگىيە كەسپىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
    14 – ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا تەكشۈرتۈش كېرەك. تەكشۈرتۈلمىگەن، تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان ياكى تەكشۈرۈلگەن ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
    گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەشنىڭ ئۆلچەملىك ئەسۋابلىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئورناتسا بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەر تۈردىكى ئەڭ يۇقىرى مىقدارنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەملىك ئەسۋابى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

3– باب مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش


    15 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى ئۈزۈپ قويسا بولمايدۇ.
    گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار يەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ئاساسىي مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
    16 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ھەم مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئۆزى ئېرىشكەن مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.
    ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىياللاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق پايدىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى مېتېئورولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئاپپاراتلار بىلەن ئالماشتۇرىدۇ.
    17 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى دەريا – كۆللىرى، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدىكى دېڭىز ئۈستى بۇرغىلاش سۇپىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچىدىغان ئاۋىياۋاسىتىلىرى، ئوكياندا قاتنايدىغان كېمە – پاراخوتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى قىلىشى ھەمدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.
    18 – ماددا ئاساسىي مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدىن باشقا مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، ئۇنى ئىشلىتىش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    19 – ماددا دۆلەت مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.
    20 – ماددا مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ:
    (1) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتى قوغدىلىدىغان دائىرىدە توسالغۇ ئورنىتىش، پارتلىتىش ۋە تاش قېزىش؛
    (2) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتى قوغدىلىدىغان دائىرىدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيە قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش؛
    (3) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتى قوغدىلىدىغان دائىرىدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش.
    مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتى قوغدىلىدىغان دائىرىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتى قوغدىلىدىغان دائىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بېكىتىشى ھەمدە ئۇنى شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ياكى كەنت – بازار قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
    21 – ماددا يېڭىدىن سېلىنىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇشلاردا، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا بولمايدىغانلىرىدا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدى بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە مۇناسىپ تەدبىر قوللانغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىشى كېرەك.

4 – باب مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالى


    22 – ماددا دۆلەت ئاممىغا بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
    ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئاممىغا بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە ئۇنى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تولۇقلىشى ياكى تۈزىتىشى كېرەك. باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاممىغا بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
     گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئۆز سىستېمىسى ئىشلىتىدىغان مەخسۇس مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى ئېلان قىلسا بولىدۇ.

    ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئاممىغا بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى توغرا، ۋاقتىدا بېرىشى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
    23 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتى، شەھەر مۇھىتى مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتى، ئوت ئاپىتى خەۋپىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك دەرىجىسىدىن ئالدىن مەلۇمات قاتارلىق مەخسۇس مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى ئېلان قىلىشى ھەمدە ھەربىي مېتېئورولوگىيە تارمىقىغا ماسلىشىپ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق مېتېئورولوگىيەلىك مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك.
    24 – ماددا ھەر دەرىجىلىك رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن گېزىتلەر ئاممىغا بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ياكى ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى مەخسۇس ۋاقىت ياكى بەتتە ھەر كۈنى ئاڭلىتىشى ياكى بېسىشى كېرەك.
    ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئۆزى تەييارلىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات پىروگراممىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
    رادىيو، تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات پىروگراممىسى ۋاقتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى ۋە تولۇقلانغان، تۈزىتىلگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ بېرىشى ياكى قىستۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
    25 – ماددا رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، تېلېگراف قاتارلىق ۋاسىتىلەر جەمئىيەتكە مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالى بېرىشتە، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى تەمىنلىگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇرنى ئىشلىتىشى ھەمدە ئېلان قىلىنغان ۋاقتى ۋە مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرىنىڭ نامىنى ئەسكەرتىشى شەرت. مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر بېرىشتىن قىلىنغان كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك.
    26 – ماددا ئۇچۇرچىلىق تارمىقى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا ئوبدان ماسلىشىپ، مېتېئورولوگىيەلىك خەۋەرلىشىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاخبارات، مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى توغرا، ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى كېرەك.
    مېتېئورولوگىيە رادىيو مەخسۇس چاستوتىسى ۋە قانىلىنى دۆلەت قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە كاشىلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5 – باب مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش


    27 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
    28 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى زور ئاپەتلىك ھاۋارايىنى رايون، تارماق ھالقىپ بىرلىشىپ كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە زور ئاپەتلىك ھاۋارايىنى باھالاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى تەشكىللەش جەھەتتە تەدبىر بەلگىلەش ئاساسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.
    ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى شۇ جايغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئاپەتلىك ھاۋارايىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ۋە ئاپەتلىك ھاۋارايىنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە ئالاقىدار ئورۇنلار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە زۆرۈر بولغان مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سۇ ئەھۋالى، بوراندىن پەيدا بولغان تاشقىن قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.
    29 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەرگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇرغا ئاساسەن، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ساقلىنىشى ياكى ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشى كېرەك.
    30 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىنى تەشكىللىك، پىلانلىق قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
    گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلات لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتىنى باشقۇرۇشى، يېتەكلىشى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا ماسلىشىپ، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.
    ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتى قىلىدىغان تەشكىلاتلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن شەرتنى ھازىرلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى تەلەپ قىلغان تېخنىكىلىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن مەشغۇلات ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشى، مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
    31 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى چاقماق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەشكىللەش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، چاقماق سوقۇۋېتىش ئېھتىمالى بار ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرگە ئورنىتىلغان چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
    چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان قۇرۇلما گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ئىشلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

6 – باب كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش

    32 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كىلىمات بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ۋە رايونغا ئايرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، كىلىماتنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە باھالاشنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە كىلىماتنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئاتموسفېرا تەركىبىنى كۆزىتىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كىلىمات ئەھۋالى ئاخباراتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.
    33 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ رايوننىڭ كىلىمات بايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كىلىمات بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يۆنىلىشى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى پىلانلىشى كېرەك.
    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تەڭ دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، كىلىمات بايلىقىنى رايونلارغا ئايرىش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش قاتارلىقلار ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى كېرەك.
    34 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى شەھەر يىرىك پىلانى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، رايون خاراكتېرلىك زور ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كىلىمات بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش چوڭ تۈرلىرى ئۈستىدە كىلىمات مۇمكىنلىكىنى دەلىللەشنى تەشكىللىشى كېرەك.
    ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالاش ساپاسى بار ئورۇن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالىغاندا، دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى ئىشلىتىشى كېرەك.

7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى


    35 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى مۇناسىۋەتلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
    (1) مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەن ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ خالىغانچە يۆتكىۋەتكەنلەر؛
    (2) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار.
    مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىدە يەر ئىگىلەشنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەستىقلىغانلار ياكى قانۇنسىز ھالدا يەر ئىگىلەپ يېڭى ئىمارەت ياكى باشقا ئەسلىھە سالغانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى›› ياكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
    36 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېخنىكىلىق تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مېتېئورولوگىيەگە خاس تېخنىكىلىق جابدۇقلارنى ئىشلىتىپ زىيان پەيدا قىلغانلارنى ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
    37 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئورناتقانلارنى ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. ئىشلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    38 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:
    (1) ئاممىغا بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات، ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى قانۇنسىز ھالدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان بولسا؛
    (2) رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، تېلېگراف قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئاممىغا بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات، ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى جەمئىيەتكە تارقىتىشتا، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتى بەرگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇرنى ئىشلەتمىگەن بولسا؛
    (3) ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالايدىغان ئورۇن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالىغاندا، دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى ئىشلەتكەن بولسا.
    39 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن شەرتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتى قىلغانلارنى ياكى ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتى قىلغاندا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى تەلەپ قىلغان تېخنىكىلىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەشغۇلات ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەنلەرنى ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
   40 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئاممىغا بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات، ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالىنى چۈشۈرۈپ قويۇش، خاتا يوللاش، شۇنىڭدەك دەسلەپكى مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى يوقىتىپ قويۇش ياكى بۇزۇۋېتىش، مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى ياسىۋېلىش قاتارلىق زور ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


    41 – ماددا بۇ قانۇندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
    (1) مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى دېگىنىمىز، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەسى، مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەخسۇس ئەسلىھەسى، مېتېئورولوگىيەگە خاس تېخنىكىلىق چوڭ جابدۇق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
    (2) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دېگىنىمىز، پەن – تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاتموسفېرا ۋە يەرگە يېقىن ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ فىزىكىلىق جەريانى، ھادىسىلىرى ھەم ئۇنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سىستېمىلىق كۆزىتىش ۋە ئۆلچەشنى كۆرسىتىدۇ.
    (3) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتى دېگىنىمىز، ھەر خىل كاشىلىلاردىن خالىي ھالدا مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى توغرا ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا زۆرۈر بولغان ئەڭ كىچىك ئارىلىقتىن ھاسىل بولغان مۇھىت بوشلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
    (4) مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت دېگىنىمىز، تەيفېڭ بورىنى، قارا يامغۇر (قار)، جۇدۇن، بوران (قۇم بوران)، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، چاقماق، مۆلدۈر، ئۈششۈك ۋە تۇمان قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    (5) ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش دېگىنىمىز، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ساقلىنىش ياكى ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، كىلىمات بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق شارائىتتا پەن – تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قىسمەن ئاتموسفېرانىڭ فىزىكىلىق، خىمىيەلىك جەريانىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىپ، يامغۇر، قارنى كۆپەيتىش، مۆلدۈردىن ساقلىنىش، يامغۇر، تۇماننى تارقىتىش، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يېتىش پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
    42 – ماددا مېتېئورولوگىيە ئىستانسا  – پونكىتلىرى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا ئورۇنلارنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ھەقلىق مۇلازىمەت دائىرىسى، تۈرى، ئالىدىغان ھەققى قاتارلىقلارنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن چىقىرىدۇ.
    43 – ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت چىقىرىدۇ.
    44 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن  ياكى قاتناشقان مېتېئورولوگىيەلىك پائالىيەتكە ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىدە مۇشۇ قانۇندىكىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.
    45 – ماددا بۇ قانۇن 2000 –  يىل  1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.  1994 – يىل 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ.


(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.