تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2018–يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە بولىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلار گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىگە ئىمتىھان بەرمەكچى بولسا، ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى ۋە 2 – ئەۋلاد كىملىكىنى ئېلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن. گۈزەل سەنئەت تۈرى بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 5 – كۈنىگىچە ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىپ سالاھىيىتىنى بېكىتىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. مۇزىكا تۈرى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىپ سالاھىيىتىنى بېكىتىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 21 – كۈنىگىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. ‹‹مۇقام ئورۇنلاش›› بىلەن ‹‹مۇقام ۋە مەشرەپ تەتقىقاتى يۆنىلىشى›› كەسپىگە تىزىملاتقانلار مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش كەسىپ ئىمتىھانىغا قاتناشماي، ئالاقىدار مەكتەپلەر تەشكىللىگەن ئىمتىھانغا بىۋاسىتە قاتنىشىدىكەن. موڭغۇل تىل – يېزىقى ۋە قىرغىز تىل – يېزىقى بويىچە مۇزىكا تۈرى كەسىپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن مۇزىكا تۈرى بىر تۇتاش كەسىپ ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانىغىلا قاتنىشىدىكەن، يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتناشمايدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن ئىلگىرى گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى