تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر‹‹ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە›› 12–ئاينىڭ 11–كۈنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

    مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە›› 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
    شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ قوللىشى، دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن 2016 – يىلىدىن باشلاپ بىر يىلدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، مەخسۇس نەچچە قېتىم خوتەنگە بېرىپ ئەتلەسنىڭ تارىخى ۋە توقۇش جەريانلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئارتىسلارنىڭ بىر يىللىق جاپالىق مەشىق قىلىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان. تىياتىردا ئەتلەس توقۇيدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىقى، قايغۇلىرى، بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك تۇرمۇش كارتىنىسى ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق نامايان قىلىنغان، شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلىپ، چىنلىق، مېھىر – شەپقەت، گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى بولغان ‹‹ئەتلەس››تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تونۇشتۇرۇلغان. بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، داڭلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا سەنئەت يېتەكچىسى بولغان، سېنارىيەسىنى ‹‹لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچى شېن ۋېي يازغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىھرىئاي ئىبراھىم باش رېژىسسور بولغان.
    ئۇقۇشىمچە، بۇ تىياتىرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇدا ئون مەيدان قويۇش پىلانلانغان، 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا يەتتە مەيدان، 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچى سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئۈچ مەيدان قويۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى