تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۇما ناھىيەسىدە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش چىڭ تۇتۇلدى

    مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: گۇما ناھىيەسىدىكى جايلار، تارماقلار، ناھىيەدىن يېزىلارغىچە، ئورگان، ئىدارىلەردىن كارخانا، مەكتەپلەرگىچە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، مەركەزلىك، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە، ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى. ناھىيە بويىچە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ھەممىلا يەردە ئەۋج ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت نامايان قىلىندى.
    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ئەخمەت مەمەت قۇرۇلتاي يېپىلغاندىن كېيىن ناھىيەگە قايتىپ كېلىپلا، ناھىيە بويىچە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، 19 – قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدىكى كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئورتاقلاشتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىدىكى كادىرلارنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشقا چاقىردى. ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما تارماق يىغىن مەيدانلىرىدا سىن كۆرۈش ۋە رادىيو ئاڭلاش ئارقىلىق ئەخمەت مەمەتنىڭ دوكلاتى ھەم يۈرەك سۆزلىرىدىن تولۇق خەۋەر تاپتى.   
    ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە تەشۋىقاتچىلار سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىنلا تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ناھىيەدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ھەر بىر كىشىگە، ئەڭ يىراق يېزا – كەنتلەردىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆيگىچە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى قۇرۇلتاي روھىنى خىزمىتى، تۇرمۇشى، ئىش – ھەرىكىتىگە يېتەكچى قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىشقا ئاتلاندى.
    گۇما ناھىيەلىك بازارلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىز ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: بىز ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، ئىدارىمىزنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەككە تىجارەتچى، خۇسۇسىي كارخانىچىلار ئارىسىدا تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق. ھازىرغىچە تۆت مەيدان تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1800دىن ئارتۇق خۇسۇسىي كارخانىچى ۋە يەككە تىجارەتچىنى تەربىيەلىدۇق. قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بايانلار شىنجاڭدىكى يەككە تىجارەتچى، خۇسۇسىي كارخانىچىلارغا ياخشى پۇرسەت، ئەۋزەل شارائىتنىڭ يارىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەككە تىجارەتچى، خۇسۇسىي كارخانىچىلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى تىجارەت يوللىرىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولىدىغانلىقى، سىياسەت جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى.
    گۇما ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئابلاجان بارات مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلقنى مول مەنىۋى ئوزۇققا ئىگە قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن سەنئەتكارلار ناھايىتى زور ئىلھام ئالدۇق ھەم پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ جانلىق تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدا ئەدەبىيات – سەنئەتنى جانلاندۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇش مەزمۇنىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆپرەك ئىجاد قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مائارىپنى سۆيۈشكە يېتەكلەپ، نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەشكە كۈچ چىقىرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى