تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇۋاتقانلار

رەناگۈل سادىق

    سېنتەبىر ئېيىنىڭ بىر كۈنى باي ناھىيەسىنىڭ مىچىغ يېزىسى ئاراچىغ كەنتىدىكى تۇرسۇنگۈل توختى ھورى چىقىپ تۇرغان بىر تەخسە لەڭمەننى كۆتۈرۈپ قوشنىسى چيەن شيۇخۇانىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى -دە:

    - چيەن ئاچا، لەڭمەننى ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ، شىڭگېن ئاكامچۇ، قاچان كېلىدۇ؟ ئۇنىڭغىمۇ تاماق ئېلىپ قويغانتىم،-دېدى.  
    52 ياشلىق چيەن شيۇخۇا تۇرسۇنگۈل توختىدىن 20 ياش چوڭ بولسىمۇ، ئىككىيلەن دېيىشمەيدىغان گېپى يوق يېقىن دوستلاردىن ئىدى، تۇرسۇنگۈل توختى بەزىدە ئۆيىدە بىكار بولۇپ قالغان چاغلاردا چيەن شيۇخۇانى ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن دۆلەت تىلىنى ئۆگىنەتتى، چيەن شيۇخۇامۇ تۇرسۇنگۈل توختىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنەتتى.
    تۇرسۇنگۈل توختىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇ دۆلەت تىلىنى خېلى ياخشى سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭ ھەممىسى چيەن شيۇ خۇانىڭ تۆھپىسى ئىكەن.
    - چيەن ئاچامنىڭ ئۆيى بىلەن بىزنىڭ ئۆي ئۇدۇلمۇئۇدۇل، ئىشىكنى ئېچىۋەتسەكلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ كېتەتتۇق. مەن ئوبدانراق تاماق ئەتكەن كۈنلىرى ئۇلارنى تاماققا چاقىرىمەن، ئۇلارمۇ ياخشىراق يەيدىغان نەرسە بولسا بىزنى چاقىرىدۇ، بولۇپمۇ ھېيت – بايرام كۈنلىرى ئىككى ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى قىزغىن پەتىلىشىپ، كۆڭۈللۈك ئۆتىمىز. چيەن ئاچام پات – پات ئۆرپ – ئادىتىمىز بويىچە گۆش پىشۇرۇپ، قولۇم – قوشنىلارنى مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ تۇرىدۇ. مەيلى قايسى مىللەتنىڭ بايرىمى بولسۇن، چوڭ – كىچىك ھەممەيلەن ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، تەڭ تاماق ئېتىپ يەپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، قىزغىن بايرام شادلىقىغا چۆمىمىز،-دېدى تۇرسۇنگۈل توختى.
    تۇرسۇنگۈل توختى ماڭا چيەن شيۇخۇانىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى.
    - بىزنىڭ كەنتتىكى ئامانگۈل مەمەتنىڭ ئۈچ بالىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئېرى 2004 – يىلى 4 – ئايدا قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانىدى،-دېدى تۇرسۇنگۈل توختى،-ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى ئارانلا سەككىز ياشتا ئىدى. ئامانگۈل مەمەت ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىسىنى باقىدىغان ۋە ئائىلىنىڭ ئېغىر – يېنىك ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدىغان بولغاچقا، تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. بىر قېتىم ئامانگۈل مەمەتنىڭ بالىسىنى موتوسىكلىت سوقۇۋېتىپ يارىلانغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان چيەن شيۇخۇا يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ۋە قولۇم – قوشنىلارنى پۇل ئىئانە قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە بالا تېزلا ساقىيىپ كەتتى.  
    چيەن شيۇخۇانىڭ ئېرى يۈ شىڭگېنمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىدىغان كىشى، ئۇ بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئىدى. ئۇ ئۆزى بېيىغاندا باشقىلارنى ئۇنتۇتمىدى، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
    بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن پەرھاد قايىم يۈ شىڭگېننىڭ ياردىمىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ياشلارنىڭ بىرى. 2014 – يىلى يېڭىلا ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغان پەرھاد قايىمنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق ئىدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ تاپقان ئازغىنا پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى. بۇ يېڭى ئەر – خوتۇنلارنىڭ بىر نېنىنىڭ ئىككى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن يۈ شىڭگېن پەرھاد قايىمغا ‹‹تيەن يۈ›› ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى. بۇنىڭدىن خۇش بولغان پەرھاد قايىممۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ئوبدان ئىشلەپ، يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، يۈ شىڭگېننىڭ ياردىمىدە يېڭى ئۆي سېلىۋالدى، كالا – قوي سېتىۋېلىپ بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى.
    ھازىر پەرھاد قايىم ئۇچرىغانلىكى كىشىگە خەنزۇ تۇغقىنى يۈ شىڭگېننىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىپ، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.

    - كەنتىمىزدە ھازىر 150 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دېھقان، 58 ئائىلىلىك خەنزۇ دېھقان بار، يېزا بويىچە نوپۇسى ئەڭ ئاز كەنت ھېسابلىنىدۇ. يۈ شىڭگېن ئەر – خوتۇن يېقىنقى تۆت يىلدا كەنتتىكى 60 ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. ئۇلارنىڭ تەسىرىدە كەنتتىكى ھەر مىللەت ئامما بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، ھەر قانداق ئىشتا ئۆزئارا ياردەمدە بولىدىغان قىزغىن كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى،-دېدى ئارچىغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەت تۇنىياز.
    - 1996 – يىلى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ كەنتكە يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە، ئۇيغۇر قوشنىلار بىزگە ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلىدە بولغانىدى، ئۇلار دۆلەت تىلىنى بىلمىسىمۇ، بىز بىلەن سالاملىشىپ مەقسىتىنى بىلدۈرەتتى. بىزگە ياردەملىشىپ ھويلا – ئارانلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرەتتى. شۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، قىزغىن، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدىم. ئەينى چاغدا كەنتتە خەنزۇ ئاھالىدىن بىزلا بار ئىدۇق، بىز كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى، قىزغىنلىقى بىلەن ناھايىتى تېزلا يېڭى مۇھىتقا كۆنۈپ كەتتۇق. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئۇلار بىلەن بىللە ياشاپ، بىللە ئىشلەپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ كەلدۇق،-دېدى چيەن شيۇخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى