تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرى ئۇچتۇرپاندىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بېيىشىغا‹‹يېشىل چىراغ››ياقتى

    ئابدۇسالام نىياز، ئەكرەم ياسىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بۇ يىل 82 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بويىچە 341 ئائىلە، 1373 ئاھالىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويغانىدى. 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ھازىرغىچە 120 ئائىلىدىكى 526 كىشى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.
    بۇ بىر نەچچە كۈندە يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ يېڭئات كەنتىدىكى تۇرسۇن بەكرى ۋە كەنتتىكى 72 نامرات ئائىلە يېڭىدىن سېلىنغان ئازادە، يورۇق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى. تۇرسۇن بەكرىنىڭ ئىلگىرىكى ئۆيى قاقاس ھەم چەت كەنتتە ئىدى، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بەرگەچكە، كەنتتىكىلەر كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن باشقا، ھېچقانداق قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنالمايتتى.
    تۇرسۇن بەكرى مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئۆيىمىز تاشتىن قوپۇرۇلغان، سوغۇق ھەم كونا ئىدى. كەنتىمىزنىڭ يول شارائىتى ناچار بولۇپلا قالماي، ئىچىدىغان سۇ ۋە توكىمىزمۇ يوق ئىدى، ھەقىقەتەن جاپادا ئۆتەتتۇق. ھازىر بۇ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۆزىمىزنى باشقىچە بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق. ئۆيىمىز ئىللىق ھەم ئازادە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىك ئالدىمىزغىچە قارىماي يول، قاتناشمۇ ئىنتايىن قولايلىق. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر – شەپقىتىگە كۆپ رەھمەت.
    گۈزەلنۇر قۇربان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ يېڭى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىدىن بەكلا خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى ناھىيە بازىرىدىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ 40 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، يېزا بازىرىغا كېلىپ، ئاندىن 20 نەچچە كىلومېتىر مۇساپىنى پىيادە ياكى ھارۋا بىلەن نەچچە سائەت ماڭغاندا يېڭئات كەنتىدىكى ئۆيىگە بارالايتتى، شۇڭا ئۇ ئادەتتە ئايدا بىرەر قېتىملا ئۆيىگە قايتالايتتى. گۈزەلنۇر قۇربان مۇنداق دېدى: يېڭى تۇرالغۇمىزدا توك، سۇ، تېلېۋىزور ھەممىسى تولۇق. ھازىر شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدۇق. ئەڭ مۇھىمى، مەكتەپكە بېرىپ – كېلىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم. بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ياخشى ئوقۇيمەن.
    ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بۇ يىل نامراتلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدى. يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ يېڭئات كەنتى، ياركۆۋرۈك يېزىسىنىڭ ياكۆۋرۈك كەنتى، ئوتبېشى يېزىسىنىڭ توسما كەنتى قاتارلىق تۆت ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا نامراتلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ھەربىر ئائىلىگە ھەقسىز 80 كىۋادرات مېتىر ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىپ بەرگەندىن باشقا، پىلان بويىچە قورۇ تام، دەرۋازا، قوتان، كۆكتاتلىق، ئۈزۈم بارىڭى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ بەردى. يول چىراغلىرىنى ئورنىتىپ، يەسلى ۋە كەنت مەدەنىيەت ئۆيى سالدى. بۇنىڭ بىلەن، ‹‹بىر ئائىلىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش›› پىرىنسىپى بويىچە، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش بوشلۇقى يەنىمۇ كېڭەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى