تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

لايدا ياسالغان قونچاقلار ئالقىشقا ئېرىشتى

لاي قونچاق ياساش ۋارىسى سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان لاي قونچاقلارنى تەكشۈرمەكتە.
    «نىگۇگۇ» لاي قونچاقلىرى بولسا خېنەن ئۆلكىسى شۈنشيەن ناھىيەسىدىكى لايدا ياسالغان قونچاقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. لاي قونچاقلارنى پۈۋلىگەندە چىقىدىغان ئاۋازغا ئاساسەن بۇ خىل قونچاقلارغا «نىگۇگۇ» (نى دۆلەت تىلىدىكى 泥 سۆزىدىن كەلگەن) دەپ ئىسىم قويۇلغان. نىگۇگۇ ئاساسلىقى شۈنشيەن ناھىيەسىنىڭ لىياڭ بازىرى ياڭچىتۇن كەنتىدە ياسىلىدۇ، بۇ لاي قونچاقلارنىڭ شەكلى ئاددىي ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا مىللىي ئۆرپ-ئادەت مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن «تارىخنىڭ تىرىك تاشقاتمىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ ئاساسلىقى توپىدىن لاي ئېتىپ، شەكىل چىقىرىش، چىققان شەكىلنى تۈزەش، تۆشۈك ئېچىش، قۇرۇتۇش، كۆيدۈرۈش، رەڭ بېرىش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە ياسىلىدۇ.  «جۈنشيەن ناھىيەسى نىگۇگۇسى» 2006-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى