تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇ ناھىيەسىدە سەھرا ساياھەتچىلىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

    سىدىق مىجىت خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە بۇ يىل كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3856 (قېتىم)گە، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 424 مىڭ 160 يۈەنگە يېتىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
    جاي كەنتىدىكى مىللىي چالغۇ ياساش ئۇستىسى، 47 ياشلىق ئابدۇللا ئىبراھىم 15 يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن مىللىي چالغۇ ياساش ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئابدۇللا ئىبراھىم سەھرا ساياھەتچىلىكى يۈكسىلىۋاتقانلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىللىي چالغۇ ياساپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.
    ئابدۇللا ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ھازىر جاي كەنتىگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن ساياھەتچى چالغۇلارنى سوۋغات سۈپىتىدە سېتىۋالىدۇ. سىرتتىن كېلىدىغان سودىگەرلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ھازىرغىچە 4000 – 5000غىچە چالغۇ ئەسۋاب سېتىپ بولدۇم، بۇ قېتىم 5000 يۈەنلىك مىللىيچە چالغۇ سېتىش توختامى ئىمزالىدۇق، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى گۈزەل، كەنتىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشىمەن.
    ئۇنىڭ شاگىرتى تۇردى روزى مۇنداق دېدى: ماڭا بۇ يەردە چالغۇ ياساشنى ئۆگەنگىلى ئۈچ يىل بولدى، ھازىر ھەر خىل چالغۇلارنى ئۆز ئالدىمغا ياسىيالايدىغان بولدۇم، ئايدا 3500 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە ئابدۇللا ئىبراھىمغا ئوخشاش ھۈنەرۋەنلەردىن 106 ئائىلىلىك بار، تۇردى روزىغا ئوخشاش شاگىرتلارمۇ نۇرغۇن، ئۇلار ئىككى قولىغا تايىنىپ مىللىي چالغۇ ياساش ھۈنەرسەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشماقتا. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ساياھەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يېمەك – ئىچمەك دۇكىنى ئېچىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ داڭقىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇتماقتا.
    جاي كەنتىدە ئاشخانا ئاچقان. ئالىم ۋەلى مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار ئاساسەن ئاشخانامدا تاماق يەيدۇ، ھازىر سودام بەك ياخشى، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر بىر خىل غىزانى ياخشى تەييارلاپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يىراق – يېقىنغا تونۇتۇشقا تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى