تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەيلى

جىمىسار ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ شۆجېن

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما كەڭ كۆلەمدىكى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىپلەيدىغان، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى قوللايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى شەكىللەندۈردى. مانا بۇ جەڭگىۋار، قەتئىي، ياڭراق سادا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان ساداقىتى، قىزغىن مۇھەببتى ۋە چىن سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىدى.
    مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاش قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش ھەرىكىتىدە، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش  باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزدىكى كونكرېت ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقنىڭ تۈرتكىسى، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ خىتابنامىسى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشنىڭ سىنتېشى قىلىشىمىز كېرەك. كومپارتىيە ئەزاسى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەزمەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ جەڭچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن، سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، خەلقنىڭ ياخشى مۇلازىمەتچىسى، پارتىيە سىياسىتىنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىگە جاۋاب قايتۇرىمەن، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.
    تىرىشىپ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش  تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەرنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى ۋە ئەڭ چوڭ ئىشى، دېگەن قاراشنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغايمەن؛ ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى، ئىجتىمائىي تەشۋىقات ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىمەن.
    سىياسىي ساپايىمنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىش بىلەن باشتىن – ئاخىر ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە زەربە بېرىشتىكى كۈچلۈك قورال قىلىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى بولىمەن؛ ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش  –  تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› مەسىلىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، سىياسىيدا قەتئىي، ئىدىيەدە پىشقان، ئىستىلدا ئەمەلىي پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولىمەن.
    بىمەنە سەپسەتە ۋە خاتا گەپ – سۆزلەرنى باشلامچىلىق بىلەن تەنقىدلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ‹‹مۇداپىئە توسۇقى›› بەرپا قىلىمەن. ھەر ۋاقىت بايرىقىم روشەن ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، باشلامچىلىق بىلەن يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىدىيەنى يېتەكلەش، ئىشلەش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بازا ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا باشتىن – ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمەن؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن جامائەت پىكرى كۈرىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىمەن؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ ھەم ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇستەھكەم بازىسىغا ئايلاندۇرىمەن. ‹‹مەدەنىيەتلىك بېشبالىق›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. يېزىلاردىكى مەدەنىيەت ھويلىلىرى، مەدەنىيەت – سەنئەت ئەترەتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت باشلامچىلىرىغا تايىنىپ، ‹‹بىر يېزىدا بىر تۈر، بىر كەنتتە بىر ئۆزگىچىلىك بولۇش›› باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ۋە ‹‹مەدەنىيەت + نەزەرىيە››، ‹‹پائالىيەت + تەشۋىق – تەربىيە›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمەن، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە  ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، مەقسەتكە يەتمىگىچە قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى