تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئاخبارات تەشۋىقاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن

شىنجاڭ گېزىتخانىسى 2–تەھرىر بۆلۈمى گېزىت چىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەۋلان سابىت

    پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى تۈپ ئاساس قىلىش››، ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش شەرت›› دەپ كۆرسىتىلدى. دۆلىتىمىز ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغانلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق. مەن باشتىن – ئاخىر شۇنداق قارايمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلاشقاندىلا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ؛ ئۆز تەقدىرىمىزنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالايمىز.

    شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇشۇپ،  بەخت – سائادەتتە، جەبىر – جاپادا بىللە بولۇپ، ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتنى ئورتاق يارىتىپ،  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ياشناتتى. شىنجاڭلىق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم يولداش  شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يېتەكچى قىلىپ،  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ،  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن.
    مەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان، دادام يېمەك  –  ئىچمەك شىركىتىنىڭ ئاددىي خىزمەتچىسى بولۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئۆمۈرلۈك ئېتىقاد قىلغانىدى. ئاتا – ئانامنىڭ تەربىيەسى ۋە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىندىم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەرەپ بىلەن پارتىيە گېزىتى خىزمەتچىسى بولدۇم. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا باسقان ھەر بىر قەدىمىم باشتىن – ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىدىن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشىدىن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشى، تەربىيەسى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى.
    مەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە پارتىيە سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، يۇرتىمىزدىكى ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بەختىيار زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن، بۇ مۇنبەت زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت قېرىنداشلار گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ، قۇرۇۋاتىدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى  – شىمالى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، شىنجاڭ خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى، گۈللىنىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، ھەر مىللەت خەلق بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كېرەك.
    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ،  ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ غايە  – ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى باشتىن – ئاخىر قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي قوغدايمەن، ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم، دوست – بۇرادەرلىرىم ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەيمەن.
    زامانىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،  بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ پارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى ۋەزىپەمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى باشتىن – ئاخىر ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ، پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى ئالىي مەنپەئەت، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى ئالىيجاناب ئىش، دەپ بىلىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولۇپ، پارتىيە گېزىتىنى تىرىشىپ ياخشى چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى