دېھقان تۇپراقسىز شارائىتتا ئۆستۈرۈلگەن بۆلجۈرگەننى مۇخبىرغا كۆرسەتمەكتە.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 6-دېكابىر، مۇخبىر سۇلۇق ساي بازىرى دامىياۋ كەنتىنىڭ تۇپراقسىز پەرۋىش قىلىش چوڭ پارنىكىدا بۆلجۈرگەنلەرنىڭ مېۋە بەرگەنلىكىنى، پىشقان بۆلجۈرگەنلەرنىڭ رەڭگىنىڭ ئوتقاشتەك قىزارغانلىقىنى، ھەر بىر دانە بۆلجۈرگەننىڭ چوڭلۇقىنىڭ تۇخۇمچىلىك كېلىدىغانلىقىنى كۆردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بۆلجۈرگەنلەر ئاي ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدىكەن. بۆلجۈرگەنلەر يەتتە چوڭ پارنىكتا تۇپراقسىز سىناپ ئۆستۈرۈلگەندىن سىرت، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئىككى تۇپراقسىز شوخلا ئۆستۈرۈش پارنىكىدا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە تۇپراقسىز پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈش كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدىكەن.
(گو جۈنگې، چېن يەن فوتوسى)