تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىدىيە نۇرى ھەممە يەرگە چېچىلدى

__ پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    قىش پەسلىگە كىرگەن جۇڭگو زېمىنىدا، بىر ئىدىيەنىڭ نۇرى ھەممە يەرگە چېچىلىۋاتىدۇ.
    ئېتىز بېشىدا، زاۋۇت سېخلىرىدا، مەكتەپلەرنىڭ سىنىپلىرىدا، مەھەللىلەردىكى مەيدانلاردا... پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى كىشىلەر ياقتۇرىدىغان كۆپ خىل جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئادەتتىكى پۇقرالارغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن يۈرۈش قىلىدىغان غەيرەت ۋە ئىشەنچكە تولدى.
    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار مەركەز تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇلىغا تەقلىد قىلىپ، سەرخىل كۈچلەردىن تەشۋىق قىلىش خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، قاتلامغا بۆلۈپ، نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزدى.
    كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك مەزمۇندا سۆزلەش: پۇقرالارنىڭ ئالاھىدە ‹‹تەرجىمانى›› بولۇش
    ‹‹19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يەنى زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، يېزا – قىشلاقلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ روناق تاپقۇزۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى!››. 1000 مو كېلىدىغان شاپتۇللۇقتا چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹‹يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› تەشۋىقات شۆبە ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋېي يۈبېي رايونىنىڭ گۇلۇ بازىرى ۋۇنيۇ كەنتىدىكى 80 نەچچە كەنت ئاھالىسى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ئازادە پاراڭلاشتى. ئەسلىدە بىر يېرىم سائەت داۋاملاشماقچى بولغان سۆھبەت ئىككى يېرىم سائەتكە ئۇزىراپ كەتكەن بولسىمۇ، كەنت ئاھالىلىرى يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سورىدى.
    چۇڭچىڭدا، تەشۋىق قىلىش ئەترىتى يۇقىرى ئۆلچەمدە تەشكىللەندى، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەترەت باشلىقى، ئالاقىدار خىزمەت تارماقلىرىنىڭ 1 – قول مەسئۇللىرى شۆبە ئەترەت باشلىقى بولدى، ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسى، ھەر خىل ئىلغار تىپ قاتارلىق 9810 كىشى ئاجرىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىلدى. 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنىگىچە، شەھەر ۋە رايون(ناھىيە) 13 مىڭ 700 مەيدان ‹‹ئالتىنى يەتكۈزۈش›› تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 1 مىليون 840 مىڭ كىشى بۇ پائالىيەتلەرگە بىۋاسىتە قاتناشتى.
    ئاساسىي قاتلام تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى پۇقرالارنىڭ ئالاھىدە ‹‹تەرجىمانى›› بولۇپ، نەزەرىيە تەشۋىقاتىنى ‹‹چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قوبۇل قىلىش، سىجىللاشتۇرۇش تەس بولۇش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىلا، ئاندىن پۇقرالار ئۇلارنىڭ لېكسىيەسىنى زېرىكمەي ئاڭلاپ، ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ.
    شەندۇڭدا، ۋېيفاڭ شەھىرىگە قاراشلىق چاڭيى شەھىرى بۇجۇاڭ بازىرى فۇئەنجېن كەنتىنىڭ 1 – شۇجىسى لى گوخۇي پۇقرا تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ سومكىسىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ تولۇق تېكىستى بېسىلغان كىتابچە ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ يېڭى نۇسخىسىدىن باشقا، يەنە ئەلرايى ئەھۋالى خاتىرىسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بار.
    ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى كادىرلىرىغا ‹‹ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش››، ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش›› توغرىسىدا؛ بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ‹‹پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش›› توغرىسىدا؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش›› توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى...
    لى گوخۇينىڭ ‹‹سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش››نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، فۇئەنجېن كەنتىدىكى 63 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى سۇن باۋگو: ‹‹دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي گەپلەر، سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلار، ئاڭلاپلا چۈشەندۇق››، دېدى.
    19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامدا تەشۋىق قىلغۇچىلار كەنتلەرگە، ئېتىز باشلىرىغا، ئۆيلەرگە بېرىپ، كىتابتىكىنى ئۆلۈك ئوقۇپ بەرمەي، چوڭ گەپ قىلماي، ‹‹مۇقىم مۇنبەر››نى ‹‹سەييارە دەرسخانا››غا ئۆزگەرتىپ، تەشۋىق قىلىدىغان مەزمۇنلارنى كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك سۆزلەپ بەردى.
    لېكسىيەنى ئاڭلىغان ئامما بەس – بەستە:‹‹ئەسلىدە 19 – قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتى بىز پۇقرالارغا بۇنداق يېقىن ئىكەن ئەمەسمۇ››، دېدى.
    يېڭى ئۇسۇل قوللىنىش: يېڭى دەۋردىكى ‹‹مەدداھ›› بولۇش
    ناخشا ئاۋازى، مۇزىكا ئاۋازى، كۈلكە ئاۋازى، ئالقىش ئاۋازى ئاساسىي قاتلامدىكى تەشۋىقاتقا تېخىمۇ يېقىملىق تۈس كىرگۈزدى.
    ‹‹ھەققانىي – ئادىل يۇرت سورار، ئاق كۆڭۈل تاشنى ئېرىتەر، تىنچ – خاتىرجەملىك ئەلگە ياقار، قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلدە بولار››. 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، خاڭجۇ شەھىرى گۇڭشۇ رايونى داگۇەن كوچىسىنىڭ غەربىي 1 – مەھەللىسىدىكى ‹‹پۇقرالار مەدداھلىق مەيدانى››دا، قىسسىچى سەنئەتكار ۋۇ ياۋشياڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قىسسە شەكلىدە تەشۋىق قىلدى.
    قىسسىچىلىك جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلانغان بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى. 2006 – يىلى قۇرۇلغان ‹‹پۇقرالار مەدداھلىق مەيدانى›› يېقىنقى بىرنەچچە ئايدا مەخسۇس 19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي تېما قىلغان بىر يۈرۈش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. 77 ياشلىق ئاھالە جاڭ جيېتۇ دائىم بۇ يەرگە كېلىپ، تەشۋىقات مەزمۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى. ئۇ:‹‹بۇنداق چۈشىنىشلىك تەشۋىقات شەكلىنى قوللانسا، پۇقرالار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ››، دېدى.
    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭدې شەھىرى دەرھال ‹‹نەزەرىيەنى تەشۋىق قىلىش يېنىك ئاتلىق ئەسكەرلەر››نى تەشكىللەپ، ‹‹سەھرالىق تالىپ››، ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››، ‹‹پېشقەدەملەر››، ‹‹ئەدەبىيات – سەنئەت چولپانلىرى›› قاتارلىق نەزەرىيەنى تەشۋىق قىلىش كىچىك ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ، بارغانلىكى جايدا كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
    كۆپ ئىقتىدارلىق تەشۋىقاتچىلار ‹‹پۇتۇڭخۇا››نى ‹‹يەرلىك شېۋە››گە، چوڭقۇر مەنىلىك ‹‹يازما سۆز››لەرنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك ‹‹ناخشا تېكىستى››گە ئۆزگەرتىپ، شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىدىن غەربىي قىسىمدىكى تاغلىق كەنتلەرگىچە بېرىپ، ئەنئەنىۋى ئەلنەغمە سەنئىتى شەكلىنى قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن  –  سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيە نۇرى ئارقىلىق ھەر بىر مىللەتنى، ھەر بىر كەنتنى، ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىنى يورۇتتى.
    19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى مەزمۇنلار مول، چوڭقۇر بولۇپ، تەشۋىقاتچىلار ئۆزى ئوقۇپ چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ماھىيىتى، جەۋھىرى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى دەل ئىگىلىدى. جايلار داڭلىق ئالىملارنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا، ئىجتىمائىي پەن ئورۇنلىرىدىكى تەتقىقات خادىملىرىغا، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارغا سەييارە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ يېڭى نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر، جانلىق چۈشەندۈردى.
    شەنشىدە، ‹‹قورۇما تىزىملىكى›› شەكلىدىكى مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقات كىشىلەرنىڭ بەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن تاللانغان سىياسىي ساپاسى كۈچلۈك، نەزەرىيە سەۋىيەسى يۇقىرى، بەلگىلىك تەشۋىقات تەجرىبىسىگە ئىگە 33 مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم 19 – قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى قايتا – قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەخسۇس تەشۋىقات تېمىسىدىن 40نى بېكىتتى. بۇ ‹‹تەشۋىقات تىزىملىكى›› ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەشۋىقات تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئورۇنلار ئۇنى قاراتمىلىق ھالدا تاللاپ ئاڭلىدى.
    ئەنخۇيدە، ئۆلكىلىك پارتكوم لېكتورلار ئۆمىكى يەرلىككە ماسلاشتۇرۇلغان ‹‹نەزەرىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش›› تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئۆلكىدىكى جايلار تاللاپ چىققان 100دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك تەشۋىق قىلىش مۇتەخەسسىسى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى نەزەرىيە تەشۋىق قىلىش ھەم خۇاڭمېي تىياتىرى، خەلق قوشىقى قاتارلىق سەنئەت شەكلىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى دەل ۋاقتىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈپ، نەزەرىيە تەشۋىق قىلىش خىزمىتىدىكى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› نى ياخشى باستى.
    جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ‹‹ماھارىتى›› بار: ئالاھىدە تەشۋىق قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى
    ‹‹ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگودا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ...››، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يەن چۈنخۇا 70 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىغا ئىنگلىز تىلىدا ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى›› تېمىسىدا دوكلات بەردى.
    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. 19 – قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپلا قالماي، كادىرلار ۋە ئاممىغىمۇ يۈزلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان، بىلىم ئېلىۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان چەت ئەللىك ئەربابلارمۇ بار.
    مۇشۇ چاغدىكى شەرقىي شىمال ئىنتايىن سوغۇق، كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش يەرلىكتىكى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش. خاربىن پار تۇربىنىسى زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاينام – تاشقىنلىققا تولۇپلا قالماستىن، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش مەيدانىمۇ قاينام – تاشقىنلىققا تولغانىدى.
    19 – قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى، خاربىن ئېلېكتىر گۇرۇھى شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى سى زېفۇ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: يىرىك ئىقتىساد ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، باشقۇرۇش ۋە سۈپەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى بېيىتىپ، ئۆلكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
    خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چېن يۇڭئېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاۋامنىڭ ئويلىغانلىرىنى، ئارزۇ قىلىدىغانلىرىنى ئاڭلاش ئاۋام بىلەن سەمىمىي ئالاقە باغلاش، ئەمەلىي پىكىر ئالماشتۇرۇش خېيلۇڭجياڭنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا تەشۋىق قىلىشىدىكى زور ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
    كونا ئىنقىلابىي رايوندا، يەنئەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى ھەپتە ئاخىرىدىن پايدىلىنىپ چىلانزارلىقتىكى كونا ئىنقىلابىي جايغا، ياڭجيالىڭ مەھەللىسىگە، ئۆگىنىش بىلىم يۇرتىغا، نەننىۋەندىكى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ، ساياھەتچىلەرگە، ئەتراپتىكى ئاممىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى، يۇقىرىدا دۆلەتنىڭ فاڭجېن  –  سىياسەتلىرىدىن تۆۋەندە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگىچە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئۇلار بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى.
    تەشۋىق قىلىش قانۇنىيىتىنى بىلىش، دەۋر تەپەككۇرىغا ئىگە بولۇش، ياش ئوقۇغۇچىلار ئۆزگىچە ئىجادىيىتى ئارقىلىق توردا ‹‹ئوقۇغۇچىلار تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى سىز بىلەن بىللە دوكلاتنى ئوقۇيدۇ››، ‹‹ئوقۇغۇچىلار تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى سىزنى لياڭجياخېدىكى زىيالىي ياشلار دەۋرىگە باشلاپ كىرىدۇ››دىن ئىبارەت رادىيو بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پىروگراممىسىنى تەسىس قىلدى.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئارزۇسى باشلانغان جاي.
    11 – ئاينىڭ بېشىدا ‹‹ساداقەت ۋە ئېتىقاد››نى كۆرۈنۈش قىلغان پارتىيە دەرسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايدىكى خاتىرە سارىيىدا باشلىنىپ، ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنى ۋە دېكلاماتسىيە قىلىش شەكلى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شاڭخەيدە ياراتقان ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئەسلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.  
    قىشتا كۆپچىلىك بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ، قىزغىن بايان قىلىپ، مۇزاكىرىلەشتى، بەزىلىرى خاتىرە قالدۇردى، كۆپچىلىك پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىدى، مەيداندا ئاندا – مۇندا كۈلكە ساداسى ئاڭلىنىپ قالاتتى، كۆپچىلىكنىڭ كۆزىدىن خۇشاللىق ۋە تەقەززالىق چىقىپ تۇراتتى... بۇ ھازىرقى جۇڭگو زېمىنىدىكى 19 – قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئاددىي كۆرۈنۈشى، بۇ ئىدىيە نۇرىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇچقاققىچە چېچىلىشىدىن ھازىرلانغان ھاياتىي كۈچ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.