ئىسرائىلىيە تېلاۋېفتىكى ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيە پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. كۆپ تەرەپ بۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەنسىرىدى. ترامپ شۇ كۈنكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى تېلاۋېفتىن ئېرۇسالىمغا كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېرۇسالىمنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدىكى ئىختىلاپ ئەڭ ئېغىر قارالمىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى 3 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا شەرقىي ئېرۇسالىمنى يۇتۇۋېلىپ، «ئېرۇسالىم ئىسرائىلىيەنىڭ ‹مەڭگۈلۈك، ئايرىلماس پايتەختى› » دەپ جاكارلىغان. پەلەستىن ئىزچىل تۈردە شەرقىي ئېرۇسالېمنى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل پايتەختى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئېرۇسالىمغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نىسبەتەن «ئېرۇسالىمنىڭ ئورۇن مەسىلىسىنى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى.
ئامېرىكا پارلامېنتى 1995-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئامېرىكا ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنى چوقۇم ئېرۇسالېمغا كۆچۈرۈش كېرەك، دېگەن قارارنى چىقارغان. لېكىن ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەلچىخانىنىڭ ئېرۇسالىمغا كۆچۈرۈلۈش ۋاقتىنى ئىزچىل كېچىكتۈرۈپ كەلگەن. زۇڭتۇڭنىڭ كۆچۈرۈلۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ھوقۇقى بار بولۇپ، ئۇ كېچىكتۈرۈش بۇيرۇقىغا ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئىمزا قويغان، يەنى كىلىنتوندىن تاكى ئوباماغىچە شۇنداق قىلغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدىكى تىرىشچانلىقىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كۆچۈرۈشنى كېچىكتۈرۈش ھۆججىتىگە بۇ يىل ئىيۇندا ئىمزا قويغانىدى. نەزەرىيە جەھەتتە، ئالدىنقى ھۆججەتنىڭ ۋاقتى 4-دېكابىر توشقاچقا، شۇڭا ترامپ كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئەلچىخانىنى كۆچۈرۈش - كۆچۈرمەسلىكنى قارار قىلىدىكەن.