تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹بۇ جايدا ھاياتلىق نىشانىمنى تاپتىم››

__ قەشقەر، خوتەندىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى زىيارەت

شيا چىڭ

قەشقەر ۋە خوتەندىن كەلگەن خىزمەتچىلەر كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاشخانىسىدا غىزالانماقتا. بۇ شىركەت يېڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئاساسەن، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقلار مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان تاماق تىزىملىكى تۈزدى. (خەن لياڭ فوتوسى)

    ‹‹ئانا، مەن بۇ جايدا ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، ياتاق، تامىقىمىز ياخشى، بىلىم ئىگىلەپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار...›› 22 ياشلىق ياسىن مەتقاسىم 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ كورلىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى.  
    ياسىن مەتقاسىم كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى قاتىياق كەنتىدىكى دېھقان، ئۇ بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىدىن كەلگەن 441 ئارتۇق ئەمگەكچى بىلەن بىللە، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىش ئورنىغا چىقىش ئالدىدىكى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. ياسىن مەتقاسىم تۆت ئايدىن كۆپرەك تەربىيەلەشنى تۈگىتىپ ئىش ئورنىغا چىقتى.
    ياسىن مەتقاسىم ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ھازىر ئېيىغا 4000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، ئۆزۈم 1000 يۈەننى ئېلىپ قىلىپ، قالغىنىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئانامغا ئەۋەتىپ بېرىمەن.
    ياسىن مەتقاسىم شىركەتكە يېڭى كەلگەندە يېڭى تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىغا ئانچە كۆنەلمىگەنىدى، تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ، داۋاملىق ئىشلەشنى خالىمىغانىدى. شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۇستازلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيەلىشىدە، ياسىن مەتقاسىم كەيپىياتىنى ناھايىتى تېزلا تەڭشەپ، داۋاملىق ئىشلەش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.
    ياسىن مەتقاسىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: غەيرىتىم تولۇپ تاشتى، ھازىر ئۆينى خىيالىمغا كىرگۈزۈۋالمايدىغان بولدۇم. بۇ جايدا ھاياتلىق نىشانىمنى تاپتىم، كارخانىدا داۋاملىق ئىشلەيمەن.
    ئاپتونوم رايوندىكى تايانچ كارخانا جۇڭتەي گۇرۇھى تۇنجى تۈركۈمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 1000نى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 442 كىشى كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى.
    شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كادىرلار – كارخانا باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ لياڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات رايونىدا جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ فۇلىدا، جىنفۇ ۋە فۇلى جېنلۈندىن ئىبارەت ئۈچ تارماق شىركىتى بار، فۇلىدا شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىن 180 خىزمەتچى قوبۇل قىلدى.
    ياسىن مەتقاسىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: شىركەت خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا بىزگە قېرىندىشىمىزدەك مۇئامىلە قىلدى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم قىلدى، ھەر ئايدا ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ، پاراۋانلىق تەمىناتى بېرىدۇ، يەنە 2000 يۈەن تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بەردى.
    فۇلىدا شىركىتى ئىش ئورنىغا چىقىش ئالدىدىكى تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەربىيەلەش ۋە تۇرمۇش باشقۇرۇش ئىشخانىسى قۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل شەكىللىك ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.
    ۋۇ لياڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت خادىملارنى تاللاپ، يېڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى، خىزمىتى، تۇرمۇشىغا مەسئۇل قىلىپ، يىڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق.
    ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى سېپىدىكى تايانچى با. سۇسىنچېچىك كەسپىگە ماھىر بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلەتتى، شىركەت ئۇنى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئوقۇتقۇچى قىلدى.
    با. سۇسىنچېچىك مۇنداق دېدى: بىز ئون ئوقۇتقۇچى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، شىركەتكە يېڭى قوبۇل قىلىنغان 180 خىزمەتچىنى تەربىيەلىدۇق، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە غىزالىنىپ، تۇرمۇشتا بىللە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ جايغا سىڭىشىشىگە، شۇنداقلا ئىش ئورنى تەلىپىگە تېزدىن لايىقلىشىپ، ئىش ئورنىغا چىقىشىغا ياردەم بەردۇق.
    شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: ‹‹بىز يېڭىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانا سالدۇق ھەم ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ، يېڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتىگە ئاساسەن، تاماق تىزىملىكىنى ئىلمىي تۈزۈپ، لەڭمەن، پولۇ، قورۇما چۆپ قاتارلىق تاماقلارنى چىقاردۇق››. شىركەت يەنە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، بىليارت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ياتىقىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ، سۇ ئىسسىتقۇچ، تور تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر تولۇق، يەنە كىر يۇيۇش ئۆيىمۇ تەسىس قىلىندى.
    يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانا تۇرمۇشىغا تېزدىن ماسلىشىشى ئۈچۈن، فۇلىدا شىركىتى مەخسۇس ‹‹قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش›› باش تېمىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن 180 خىزمەتچى يېتەكچى كادىر، شىركەت رەھبەرلىرى ۋە تەربىيەلەشكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، شىركەتتىكى باشقا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، شىركەت ئۇلارغا كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
    كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى مەكىت كەنتىدىن كەلگەن رىزۋانگۈل قۇربان ھازىر فۇلىدا شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق تەملىك تورت يېيىشىم، بۇنداق كۆپ خىزمەتداشلار بىلەن تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلىشىم، بۇنداق قىزىقارلىق ئويۇننى ئوينىشىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم! تۇغۇلغان كۈننى كوللېكتىپ خاتىرىلىگەن ۋە ئويۇن ئوينىغان سۈرەتلەرنى كۆپ تارتتىم، مەن بۇ سۈرەتلەرنى ئۆيدىكىلەرگە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى خۇشاللىقىمدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى