تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئۆزلەشتۈرۈلدى

    جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى.
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.  
    نەيىم ياسىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاشقا؛ ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
    نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابنىڭ 2 – تومى ۋە 1 – تومىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش  – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى نەمۇنىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، قائىدىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېتىقاد بىلەن ئۆگىنىپ، ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىپ، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىپ، ئىدىيەسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.
    نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاق  – ئىناق  – ئاۋات، باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى، ئىرادىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇب – شىمالىدا كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر  –  ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىدىن چيەن جى، دۇڭ شىنگۇاڭ، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى