خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، پەيزاۋات ناھىيەسى قوشئاۋات يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 2-تۈركۈمدىكى نامرات ئىستۇدېنتلارغا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ھەربىر ئىستۇدېنتقا ھەر يىلى 6000 يۈەن، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ھەربىر ئىستۇدېنتقا 3000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمى بىلەن 28 ئوقۇغۇچى جەمئىي 87 مىڭ يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرى 3 مىليون 525 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 774 نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەن.
پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فوشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: فوشەن شەھىرى 2011-يىلدىن باشلاپ پەيزاۋات ناھىيەسىگە ياردەم بېرىۋاتقاندىن بۇيان، جەمئىي 375 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، پەيزاۋاتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، پەيزاۋات كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تۈركۈمدە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنتلارغا ياردەم قىلدى.
(ساباھەت ئەركىن تەرجىمىسى )