تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 2017–يىللىق گۇاڭجۇ‹‹بايلىق››دۇنيا مۇنبىرى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو–چەت ئەل ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ

ۋاڭ ياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجۇ، 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى. 2017 – يىللىق گۇاڭجۇ ‹‹بايلىق›› دۇنيا مۇنبىرى 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئەزىز مېھمانلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى سەمىمىي قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە دىققەت دۇنيا تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ھالقىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەقىل كۆرسىتىدۇ، بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.  
    شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتىمىز؛ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز. كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۆپ، دۇنيا بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، دۇنيا تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇزاققىچە گۈللىنىشتەك پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سىجىل گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىغا، شارائىتىغا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئىگە. جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ، تىجارەت مۇھىتى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېنىق بولىدۇ، قېلىپلىشىدۇ. جۇڭگو دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى زورايتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دۇنيادىكى كارخانىچىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ياراتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو – چەت ئەل ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
    گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە مۇنبەردىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى يەتكۈزدى، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى ‹‹ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش: ئىقتىساد يېڭى ۋەزىيىتى بەرپا قىلايلى›› بولۇپ، كۈچلۈك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى – كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى؛ ئىقتىسادنى سىغدۇرۇشچان، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش خاراكتېرلىك ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىدىيەسى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان تەرەققىيات، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات. جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى تەرەققىياتى ئېچىۋېتىلگەنلىكنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجازەت بېرىشتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىك قوشۇلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇپ بېرىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداپ، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تىجارەت مۇھىتى يارىتىمىز.
    گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنگو ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى، كانادا زۇڭلىسى تىرودو، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېل ۋە دەۋر شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مەزمۇن ئەمەلدارى، ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلىنىڭ باش لىدىرى مۇ رۈيلەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
    2017 – يىللىق گۇاڭجۇ ‹‹بايلىق›› دۇنيا مۇنبىرى 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، چەت ئەللىك مۇھىم ئەربابلار، ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلى باھالىغان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىق بولۇپ 1100دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمان مۇنبەرگە قاتناشتى، مۇنبەرنىڭ كۆلىمى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇنبەرلەرنىڭ كۆلىمىدىن چوڭ بولدى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئوچۇق تەرەققىيات سىياسىتى توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرىنى تونۇشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.