تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلار خىرىلداپ قالسا...

   بالىلار يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «بالىلارنىڭ نەپەس يولى ئاسانلا قايتا- قايتا يۇقۇملىنىدۇ، بۇ خىل بالىلار ئورۇق، ئاجىز كېلىدۇ، نەپەس ئالغاندا ئاسانلا خىرىلداپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا يۈرەكتە باشقا غەيرىي ئاۋازنىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلماي بولمايدۇ، مۇمكىن بولسا كېسەللىك ئالامىتى گۇمانلىق بولغان بالىلارنى رەڭلىك دوپلېر ئۇلتىرا ئاۋازلىق كاردىئوگراممىدا تەكشۈرتۈش كېرەك».

   مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ نەپەس يولىدا يەنە قايتا-قايتا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچىيىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ يۈرەك دالانچە پاسىلى كەمتۈك بولۇشى مۇمكىن، ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئەگىشىپ بۇنداق كەمتۈكلۈك تېخىمۇ چوڭىيىدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن يۈرەككە چۈشىدىغان يۈك ئېغىرلاپلا قالسا ئاشكارىلىنىدۇ، بۇ چاغدا داۋالاتماقچى بولساق، داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى كەتكۈزۈپ قويغان بولىمىز، شۇڭا ئاتا –ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالغا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ.

«ساغلاملىق ۋاقتى گېزىتى»دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى