خىلېر كۆلى ئاۋستىرالىيەنىڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز بىلەن ياندىشىپ تۇرىدۇ. بۇ كۆل بەزىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان رەڭگە كىرىدۇ. ئالىملار بۇ رەڭنىڭ يۇسۇنلار بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل ھالەتنىڭ باشقا تۇز كۆللەرمۇ بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. ھازىرغا قەدەر كىشىلەر بۇ كۆلنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق رەڭدە بولىدىغانلىقىنى، نېمىلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى چۈشىنەلمىدى. بۇ كۆلنى دۇنيادىكى يېشىلمىگەن سىرلارنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ. مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆلنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكى كىشىگە زوق بېغىشلايدۇ.
(يەرشارى تورى)