ئۆز خەۋىرىمىز: 7-دېكابىر سائەت 07:29 ئەتراپىدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى. تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 35.69 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.46 گىرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 87 كىلومېتىر. تەۋرەش مەركىزىنىڭ گۇما ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 227 كىلومېتىر، خوتەن ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 241 كىلومېتىر، قاغىلىق ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 244 كىلومېتىر كېلىدۇ. تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى بەش كىلومېتىر دائىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6113 مېتىر بولۇپ، ئەتراپتىكى 50 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە يېزا-بازار ۋە ئولتۇراقلاشقان ئامما يوق.
نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىغان. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خىزمەتلەرنى جىددىي ئورۇنلاشتۇردى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن تېزدىن تەشكىللىنىپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، كۈچ تەشكىللەپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى باشلىدى. ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش، سەھىيە قاتارلىق تارماقلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەييارلاندى. شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق، جەمئىيەت تەرتىپى مۇقىم.