يەر شارى تورى 7-دېكابىر خەۋىرى: ئامېرىكىلىق ئايال ۋېرگىنيا جونسون 13ياش ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە سەۋەبىدىن ئوڭ تەرەپ تۇخۇمدىنى ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئۆمرىدە ئانا بولالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەنىدى، 2013-يىلى تۇيۇقسىز بويىدا قالغانلىقىنى بايقاپ ئۆزىمۇ ئىشەنمەي قالدى. بىراق شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئامالسىز بالىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئارقىدىن ئۇ دوۋساق راكى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ تۇنجى قىزى زويىنى تۇغدى. ئارقىدىنلا يەنە مۆجىزىلەرچە تۆت كېزەك تۇغۇپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
ئامېرىكىلىق «تۇغماس» ئايال مۆجىزىلەرچە تۆت كېزەك تۇغدى
مۇھەررىر:
زۆھرە تۇرسۇن
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2017/12/07 11:55
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.