6-دېكابىر، يېزىلىق مەركىزىي خەلق شىپاخانىسىدىكى تېببىي خادىملار پىلاكاتقا ئىمزا قويماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يېزىسى پارتىيە 19-قۇرۇلتاينىڭ روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن زېھىن سىناش، نۇتۇق سۆزلەش، ئەدەبىيات-سەنئەت مۇسابىقىسى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى، قەسەم بېرىش ۋە ئىمزا قويۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئەڭ تېز، ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى.