تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى بارلىق BRT بېكەتلىرىدە يانفوندا ھەق تۆلىگىلى بولىدىغان بولدى

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: بۇنىڭدىن كېيىن BRT دا ئولتۇرماقچى بولغىنىڭىزدا ئاپتۇبۇس كارتىسىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ياكى يانچۇقىڭىزدا پارچە پۇل بولمىسا جىددىيلەشمەڭ، يانفونىڭىزغا «قىزىلتاغ ھەممىباب ئۈندىدارى»(«红山通»)نى چۈشۈرگەن بولسىڭىز، پەقەت ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپلا خالىغان بىر BRT بېكىتىدە يانفونىڭىز ئارقىلىق ھەق تاپشۇرالايسىز. ئىككىلىك كودنى ئالماشتۇرسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقىلارنىڭ پۇلىنىمۇ تاپشۇرالايسىز.

 مۇخبىرنىڭ 5-دېكابىر ئۈرۈمچى قىزىل تاغ ھەممىباب كارتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى تېخنىكلار گۇرۇپپىسى BRT5-لىنىيەسىنىڭ كارتا سۈرۈش ماشىنىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىغان. يېقىندا 1،2،3،4،6،7-BRT لىنىيەلىرىنىڭ ھەر قايسى بېكەتلىرىدىكى كارتا سۈرۈش ماشىنىلىرى ئالماشتۇرۇلغان، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەتتە BRT لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىدە يانفون ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 58-يول، 907- يول ئاپتۇبۇسلىرىدىمۇ يانفون ئارقىلىق ھەق تاپشۇرغىلى بولىدىكەن، تېخنىكا گۇرۇپپىسى بۇ تېخنىكىنى يەنە باشقا لىنىيەلەرگىمۇ كېڭەيتىدىكەن.

(پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يۈننەندىكى گۈل بازارلىرى قىزىپ كەتتى
  • غۇلجىدا يەرلىك پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى
  • مۇز چۆگۈن ئەر-ئاياللار جۈپ ئويناش مۇسابىقىسى: ئېلىمىز كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى يەڭدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى