تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئېلىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاراخوت ياساپ چىقتى

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان «دېلفىن» ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق، 39 مىڭ تونناژلىق يۈك پاراخوتى 5 -  دېكابىر  2017 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تېخنىكا يىغىنى ۋە كۆرگەزمىسىدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاراخوتقا سانلىق مەلۇماتقا، گىدرومېتېئورولوگىيە ئۇچۇرىغا ئاساسەن پاراخوتنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى ۋە يۈرۈش سۈرئىتىنى ياخشىلاش ھەمدە يەنە پاراخوتنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى سەپلەنگەن.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاراخوتنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 179 مېتىر، كەڭلىكى 32 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر، يۈك توشۇش مىقدارى 38 مىڭ 800 توننا كېلىدىكەن. بۇ پاراخوتنى جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگو-ئاۋسترالىيە لىنىيەسى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا لىنىيەسىدە كۆمۈر، تۇز توشۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى