شىئەندىن چېڭدۇغا بېرىش ئۈچۈن پەقەت ئۈچ يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولدى
خەلق تورى خەۋىرى: شىئەندىن چېڭدۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ شىئەندىن جياڭيۇغىچە بولغان بۆلىكىدە 6-دېكابىر رەسمىي قاتناش باشلاندى. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ جياڭيۇدىن چېڭدۇغىچە بولغان بۆلىكىدە 2014-يىلى 20-دېكابىر قاتناش باشلانغاندى، شۇنىڭ بىلەن شىئەن-چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلدى.
شىئەندىن چېڭدۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەنكاڭ، خەنجۇڭ شەھىرىدىن ئۆتۈپ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭيۈەن، ميەنياڭ شەھىرىگىچە تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 658 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە شىئەندىن جياڭيۇ بۆلىكىگىچە بولغان يېڭىدىن ياسالغان لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 506 كىلومېتىر بولۇپ، 14 بېكەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تۆمۈريولنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەندى.
شىئەندىن چېڭدۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى شىئەندىن جياڭيۇغىچە بولغان بۆلەك قۇرۇلۇشىدا 2012-يىلى دېكابىردا ئىش باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن ئىككى جاينىڭ بېرىش - كېلىش ۋاقتى ئۈچ سائەت 27 مىنۇتقا قىسقىرىدى.