تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پيۇڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالدى

خەلقئارا ئولىمپىك تەشكىلىي مومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ ۋە باشقا ئەمەلدارلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشماقتا. 

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى شۇ جاي ۋاقتى 5-دېكابىر شۋېتسارىيە لائۇساندا رۇسىيە ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پيۇڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، شىۋېتسارىيەنىڭ سابىق فېدېراتسىيە رەئىسى شمىت مەسئۇل بولغان كومىتېت چىقارغان دوكلاتنى قوبۇل قىلغان. بۇ دوكلاتتا رۇسىيەنىڭ 2014 - يىلى سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنى تىزگىنلىگەنلىك قىلمىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر (روھلاندۇرۇش دورىسى ۋە چەكلەنگەن دورىلارنى ئىشلەتمىگەن) «رۇسىيەنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىسى» نامىدا يەككە ياكى كوللېكتىپ تۈرلەرگە قاتناشسا بولىدىكەن، بىراق، مۇسابىقە مەيدانلىرىدا، مۇراسىملاردا رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلمايدىكەن، دۆلەت شېئىرى ئورۇندالمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى