شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە يانۋاردىن نويابىرغىچە بولغان 11 ئاي ئىچىدە جەمئىي 134 مىڭ 44 ئاپتوموبىل كۆپىيىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %8.7 ئاشتى. بۇ مەزگىلدىكى كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى 168 مىليون يۈەن بولۇپ، ھەر بىر ئاپتوموبىلدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 2600 يۈەن كەچۈرۈم قىلىندى.
مۇخبىرنىڭ 5-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت بېجى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىدىن بولغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنى تەسىرىدە نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن 134 مىڭ 44 ئاپتوموبىل كۆپەيگەن، جەمئىي 1 مىليارد 776 مىليون يۈەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى يىغىلىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %19.35 ئاشقان، جەمئىي 168 مىليون يۈەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى مال ۋە ئەمگەك، مۇلازىمەت بېجى باشقارمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاپتوموبىللار ئىچىدە باھاسى 100 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ئاپتوموبىللار ئەڭ ئالقىشلىنىپ، ئومۇمىي سېتىش سوممىسىنىڭ يېرىمىدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ماي سەرپىياتى 1.6 لىتىردىن تۆۋەن يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش بېجى كەسپىنى بېجىرگەنلەر 63 مىڭ 76گە يېتىپ، سېتىلغان يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ % 47 ىنى ئىگىلىگەن، ئۆكتەبىر بىلەن نويابىردىلا بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىلدىن 13 مىڭى سېتىلغان. دېكابىرنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە 901 ئاپتوموبىل سېتىلغان.
(پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەرجىمىسى)