تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ‹‹ۋۇشىن›› مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى قىدايەت بايئىسلام

    مەن قىدايەت بايئىسلام، قازاق مىللىتىدىن، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ‹‹ۋۇشىن›› مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئېرىتىش، تاۋلاش ئىش ھالقىسىدا رېمونتچىلىق قىلىمەن، 2015 – يىلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندىم. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى، مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى چىن كۆڭلۈمدىن ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئىستىلىم بىلەن جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تۆھپە قوشىمەن.
    گۈزەل شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول. ھەر مىللەت خەلق ئەلمىساقتىن بۇ گۈزەل، مۇنبەت زېمىندا ياشاپ، ئەمگەك قىلىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ كەلدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئىقتىساد زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى. لېكىن بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر دائىم خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىپ، خۇددى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاندەك تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ قاتتىق نەپرىتىگە ئۇچرىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر دەل مۇشۇنداق يامان نىيەتلىك كىشىلەر، ئۇلار تۈرلۈك قەبىھ ئۇسۇللار ئارقىلىق  زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. رەزىل سۇيىقەستى ۋە قەبىھ قىلمىشى بىلەن ئۇلارنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتتى، بىز ئۇلارغا قەتئىي يول قويمايمىز. مەن چوقۇم ئۇلارغا: ‹‹سىلەر خام خىيال قىلماڭلار، خەلققە زىيان يەتكۈزىدىغان سىلەردەك زەھەرلىك ئۆسمىنى جەزمەن تەلتۆكۈس يوقىتىمىز!›› دەپ خىتاب قىلىمەن.
    مەن ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، بەختىمگە يارىشا شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى بولدۇم، ھازىر ئۆزۈم قىزغىن سۆيىدىغان رېمونتچىلىق ئىش ئورنىدا كارخانىمىزغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىمەن، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى خىزمەت ئىشخانىسى بار بولدى. مېنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغىنى 2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىردىم، پارتىيە تەشكىلىنىڭ مېنى تەربىيەلىگەنلىكى ۋە ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھازىر مەن ھەر مىللەت شاگىرتلارنى يېتەكلەۋاتىمەن، بىز خۇددى قېرىنداشلاردەك تۇرمۇشتا ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، خىزمەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەۋاتىمىز. كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت ئاۋانگارتلىق، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن ھەم چىن ھېسسىياتىم بىلەن كەسىپداشلارغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆز ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىمەن، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
    دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ، بىز ھەممىمىز بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزاسى. مەن ‹‹ئىتتىپاقلىق  بەخت، مالىمانچىلىق  ئاپەت›› دېگەن بۇ ھەقىقەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئاكتىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن. مەن ئەتراپىمدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئۆز خىزمىتىمنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خىزمەت، تۇرمۇشتىكى ھەربىر كىچىك ئىش ۋە تەپسىلاتلاردا نامايان قىلىمەن.
    شىنجاڭ مۇقىم بولسىلا، كارخانىمىز تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مەن چوقۇم ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، ھەرقانداق رەزىل كۈچنىڭ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى