تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى

    شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئاڭلاپ، كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆگىنىپ بىلەلەيدىغان شەكىللەردە ‹‹ئالدىغا بېرىپ تەشۋىق قىلىش››، ‹‹ئارىلىقسىز تەشۋىق قىلىش››نى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلتاي روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ساھەدىكى ئاممىنى يېڭى دەۋرگە بولغان ئىشەنچ ۋە كۈچكە ئىگە قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
    ئايال كەنت كادىرلىرى تەربىيەلىنىش تەسىراتلىرىدىن ئورتاقلاشتى
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 5 – قارارلىق ئايال كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ سۆھبەت يىغىنى 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئاياللارنى تەربىيەلەش سارىيىدا ئېچىلدى. شىنجاڭ ئايال كادىرلار مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەربىيەلەشكە قاتناشقان 71 كۇرسانت بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
    كۇرسقا قاتناشقان 71 كۇرسانتنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ ئايال شۇجىلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئايال مۇدىرلىرى. كۇرس 11 – ئاينىڭ 18 – كۈنى باشلانغان بولۇپ، تەربىيەلەشتە مەكتەپتە نەزەرىيە ئوقۇتۇش بىلەن يەنئەنگە بېرىپ نەق مەيداندا ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئەسلىي تېكىستىنى ئۆگىنىش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا دائىر يەشمە، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى›› تەربىيەسى، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ شەكلى ۋە ۋەزىپىسى، ئەرلەر، ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە ئاياللارنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق نەزەرىيە دەرسلىكلىرى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، بارلىق كۇرسانتلار بىرلىكتە شەنشى ئۆلكىلىك تارىخ مۇزېيى، يەنئەن ھەم لياڭجياخې كەنتى قاتارلىق جايلاردا نەق مەيدان ئوقۇتۇشىغا قاتناشتى.
    سۆھبەت يىغىنىدا قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى قارا دۆۋە بازىرى چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش دېھقانچىلىق مەيدانى كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياۋ يەنرۇڭ قاتارلىق ئون كۇرسانت ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە قاتنىشىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. ياۋ يەنرۇڭ مۇنداق دېدى: نەچچە كۈندىن بۇيانقى نەق مەيدان ئوقۇتۇشىدا مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياڭجياخې كەنتىدە تۇرغانلىقى بولدى. مەن باش شۇجىغا شۇنداق دوكلات قىلىمەن: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، كەنتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى بەك زور بولدى، كەنتتىكى ئالتە نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ياشلارمۇ بەس – بەستە كەنتتىن ئايرىلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى كوناشەھەر يولى كوچا باشقارمىسى چۈن شۇلۇ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئاينىساگۈل سالام مۇنداق دېدى: مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە ئاساسىي قاتلام ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاياللار خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.
    ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 380 ئايال كەنت كادىرى تەربىيەلەندى.
    سانجى شەھىرىدە ‹‹10، 100، 1000›› بويىچە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئاساسىي قاتلامنى تولۇق قاپلىدى
    ‹‹ھەرقايسى مىللەتلەر بىر مەقسەتتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ پارلاق، يارقىن قۇياش نۇرىغا چۆمۈلىمىز...››، 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى سانجى شەھىرى ئاشىلى يېزىسى خۇاگېن كەنتىنىڭ مەدەنىيەت ھويلىسىدا ‹‹ئاقىن›› لار مەرىكە كىيىملىرىنى كىيىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى مەزمۇن قىلىپ، پارتىيەنى كۈيلەپ، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەپ، چارۋىچىلارغا مول مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلدى.
    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، سانجى شەھىرى ‹‹ئون ياخشى لېكتور ئاساسىي قاتلامغا بېرىش››، ‹‹100 رەھبەر ئاساسىي قاتلامغا بېرىش››، ‹‹1000 كادىر ئاساسىي قاتلامغا بېرىش››، ‹‹100 مەيدان ئەدەبىيات – سەنئەت ئويۇنىنى ئاساسىي قاتلامدا قويۇش››، ‹‹توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا ئۆگىنىش››، ‹‹نۇقتىلىق ساھەلەرنى كەڭ كۆلەمدە قاپلاش›› قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. سانجى شەھىرىنىڭ ‹‹10، 100، 1000›› بويىچە گەپدان لېكتورلاردىن تارتىپ، رەھبىرىي كادىرلار، پۇقرا تەشۋىقاتچىلارغىچە بولغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ئەترىتى پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، داۋالاش، قاتناش، مەدەنىيەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ چوڭقۇر تەشۋىق قىلدى.
    ئاشىلى يېزىسىدىكى چارۋىچى تۇردىگۈل مۇنداق دېدى: تەشۋىق قىلىنىۋاتقان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تۇرمۇشىمىزدىلا ھېس قىلالايمىز. كەنتىمىزگە قارىڭە، يوللار سېمونتلاشتۇرۇلدى، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيلىرى ھەم چوڭ، ھەم ئازادە، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولۇۋاتىدۇ.
    ھازىرغا قەدەر سانجى شەھىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى 440 نەچچە مەيدان(قېتىم) تەشۋىق قىلدى، لېكسىيەنى ئاڭلىغۇچىلار 190 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.
    تەشۋىق قىلىش ساداسى تاشيول مۇلازىمەت رايونىدا ياڭرىدى
    11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سەنپىڭ مۇلازىمەت رايونىدىكى رادىيو كانىيىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدىكى سادا ياڭرىدى، بۇ يەردە توختىغان شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ دىققىتى لېكسىيەگە ئاغدۇرۇلدى، ئۇلار ئۆزئارا تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.
    11 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى تەۋەلىكىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىدە مەركەزلىك تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە مەھەللىدىكى ئاممىغا يەتكۈزدى. تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى بېكەتمۇ بېكەت كىرىپ، ھەرقايسى ئورۇنغا بېرىپ تەشۋىق قىلدى، ئۇلار ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى سىستېمىسىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە تەشۋىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى چومتاغ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىشېڭ مەھەللىسى، لۇيەن كوچىسى باشقۇرۇش كومىتېتى خېيۆ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ۋە شوپۇر، يولۇچىلارغا تەشۋىق قىلدى.
    (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل ناسىر، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى جاڭ كېجىڭ، لياڭ خۇڭتاۋ، پىراكتىكانتى مېھراي ئەبەيدۇللا)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى