تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامزاتى] ۋاڭ جېنيۈن مۇھەببەت ئارقىلىق ھاياتلىق مۆجىزىسىنى ياراتتى

شىن ۋېنمىڭ

    ۋاڭ جېنيۈننىڭ ئۈچ ئوغلى بار بولۇپ، كىچىك ئوغلى خۇاڭ رۇڭغا ئۈچ ياش ۋاقتىدا مېڭە پارالىچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. ھازىر 45 ياشلىق خۇاڭ رۇڭ رەسىم سىزىشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرنى ئېلان قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئانىسى ۋاڭ جېنيۈن 40 نەچچە يىل جاپالىق قان – تەر تۆكۈپ، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزدى.
    1972 – يىلى قىشتا خۇاڭ رۇڭ تۇغۇلغاندا تۇنجۇقۇپ قېلىپ، ئوكسىگېن يېتىشمەي مېڭە پارالىچى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى، ۋاڭ جېنيۈن چوڭقۇر ئانىلىق مېھرى بىلەن بالىسىنى نۇرغۇن قېتىم ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلدۇردى. خۇاڭ رۇڭ ئاستا – ئاستا چوڭ بولدى، ئەمما ئۇ ماڭالمايتتى، سۆزلىيەلمەيتتى. ئەينى چاغدا ۋاڭ جېنيۈنگە: بۇ بالىنى باقماڭ، چوڭ بولغاندا ئۇ سىزگە يۈك بولۇپ قالىدۇ، دېگەنلەرمۇ بولدى. ۋاڭ جېنيۈن توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە تۇغقان يۈرەك پارىسىنى تاشلىۋېتىشكە قانداقمۇ چىدىسۇن؟ ئۇ ھەق يولدىن قايتماي بۇ ئېغىر يۈكنى يۈدۈپ كەلدى، ئۇ دائىم ئوغلىغا بالىلار ناخشىسى ئېيتىپ بېرەتتى، ھېكايە ئوقۇپ بېرەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ۋاڭ جېنيۈن ھەر قېتىم ئوغلىغا ناخشا ئېيتىپ، ھېكايە ئوقۇپ بەرگەندە، ئۇنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ۋە چۈشىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغلىغا قايتا – قايتا ھېكايە ئوقۇپ بەردى، گەپ قىلىشنى ئۆگەتتى. خۇاڭ رۇڭ تۆت – بەش ياشلارغا كىرگەندە ۋاڭ جېنيۈن بالىسىنىڭ ھەرىكەت قىلالمىسىمۇ، تەپەككۇرىنىڭ نورماللىقىنى بايقىدى. ئۇ ئۆزلۈكىدىن مېيىپلەر ۋە ئاجىز بالىلارنى تەربىيەلەش، مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، بالىسىغا تەلەپپۇز قىلىشنى، خەت يېزىشنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. بىر ئاددىي تەلەپپۇزنى مىڭ نەچچە قېتىم ئوقۇپ بەردى، بىر خەتنى نەچچە ھەپتە يېزىپ مەشىق قىلدۇردى، ئون ياشلىق خۇاڭ رۇڭ ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن ئاخىر مەكتەپكە كىردى.
    خۇاڭ رۇڭ ئاستا – ئاستا چوڭ بولۇپ ئىش ئۇققىدەك بولدى، ئانىسىنىڭ سۇلغۇن چىرايىنى ۋە ئالدىراش ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئانىسىغا ياردەم قىلالمايۋاتقانلىقى، ۋاپادارلىق كۆرسىتەلمەيۋاتقانلىقى، ئانىسىغا يۈك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، بىر مەزگىل چۈشكۈنلىشىپ كەتتى، ھەتتا ياشاشتىنمۇ ۋاز كەچتى، ۋاڭ جېنيۈن ئوغلىنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا جاڭ خەيدى، خوكىڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەردى، بالىسىنى قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، غايىلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى، خۇاڭ رۇڭ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سالامەتلىكى سەۋەبلىك ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، ۋاڭ جېنيۈن ئۇنىڭغا ئۆيدە تەكرار قىلىپ بەردى، ئۇنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى بىلەن، خۇاڭ رۇڭ ئۆزلۈكىدىن تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىنى ئۆگىنىپ تاماملىدى ھەم كومپيۇتېر بىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشتى.   
    خۇاڭ رۇڭ رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئەمما ئۇنىڭ سول قولى ئازراقمۇ ئىشلىمەيتتى، پەقەت ئوڭ قولىنىڭ ئۈچ بارمىقى بىلەن قەلەمنى ئارانلا تۇتالايتتى، ئۇ ھەر قېتىم رەسىم سىزغاندا ناھايىتى قىينىلاتتى. ۋاڭ جېنيۈن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قەلەمنى ئۇچلاپ، قەغەز تەييارلاپ بېرەتتى، خۇاڭ رۇڭ دەسلەپتە بىر پارچە ماقالىنىمۇ ئوقۇيالمايتتى، ۋاڭ جېنيۈن ئۇنىڭغا دائىم ئىلھام بېرىپ، لۇغەت ئاختۇرۇشنى ئۆگەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خۇاڭ رۇڭ ئالتە پارچە لۇغەتنى ئىشلىتىپ كونىرىتىپ بولدى، نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرنى يازدى، 160 نەچچە پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىندى. 2004 – يىلى ‹‹مېيىپنىڭ مۇھەببىتى›› ناملىق 300 مىڭ خەتلىك تەرجىمىھال ئۇسلۇبىدىكى روماننى نەشر قىلدۇردى. 2008 – يىلى ‹‹يول، يىراق جاي›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇردى، ‹‹پەرۋاز قىلىمەن›› ناملىق ئەسىرى 29 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ناخشا تېكىستى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ يەنە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەتۈر ساناق 100 كۈنلۈك تەنتەنىلىك مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىندى. 2009 – يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولدى.
    خۇاڭ رۇڭ ‹‹ئانا›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ئانامنىڭ تەربىيەلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى بىلەن بۈگۈنكى نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم، مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر ئانىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن››، دەپ يازدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى